إعدادات العرض
بەندەم مېنىڭ ئالدىمدا ئۆزى ئالدىراپ كەتتى، ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلدىم
بەندەم مېنىڭ ئالدىمدا ئۆزى ئالدىراپ كەتتى، ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلدىم
جۇندۇب ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلبەجەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىلگىرىكى ئۇممەتتە بىر كىشى بولغان، ئۇ يارىلىنىپ قاتتىق بىئارام بولدى ۋە پىچاق ئېلىپ قولىنى كېسىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن قان توختىماي ئۇ ئۆلۈپ كەتتى. ئاللاھ تائالا ئېيتتىكى: بەندەم ئۆزى مەن تەرەپكە ئالدىراپ كەلدى، ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلدىم
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Hausa Português മലയാളം Kurdî Tiếng Việt অসমীয়া Nederlands Kiswahili አማርኛ ગુજરાતી සිංහල ไทยالشرح
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىغا بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ئۈممەتتە ئۆتكەن بىر ئادەم توغرۇلۇق سۆزلەپ بەردى. ئۇ قاتتىق جاراھەتلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا چىدىماستىن ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ۋە شىپاسىدىن ئۈمىدسىزلەندى. ئىمان ۋە چىن ئىشەنچىسىنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبلىك، ئاللاھتىن ساۋاب كۈتۈپ سەبرى قىلالماي، ئۇنىڭ ئاغرىقىغا چىداپ تۇرالمىدى ۋە پىچاق ئېلىپ قولىنى كېسىۋەتتى. قان توختىماي ئېقىپ ئاخىرى ئۆلۈپ كەتتى. ئاللاھ تائالا دېگەن گەپنىڭ مەزمۇنى: بۇ بەندەم مېنىڭ رەھمىتىم ۋە شىپالىق بېرىشىمگە سەل قارىدى. مېنىڭ سىناقلىرىمغا بەرداشلىق بېرەلمەستىن، ھارام قىلىنغان بۇ جىنايىتى بىلەن مەن تەرەپكە ئالدىراپ قالدى. ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەجىلىنى قىسقارتقانلىقىنى ئويلاپ قالدى. شۇڭا ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلدىم. جەننەت ھارام قىلىنغان ئادەمنىڭ بارىدىغان جايى دەۋزەخ بولىدۇالتصنيفات
گۇناھ-مەسىيەتنى ئەيىپلەش