جەننەتتە رەييان دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىشىك بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن روزا تۇتقانلارلا كىرىدۇ، باشقىلار كىرەلمەيدۇ، روزا تۇتقۇچىلار قەيەردە؟دېيىلسە، روزا…

جەننەتتە رەييان دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىشىك بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن روزا تۇتقانلارلا كىرىدۇ، باشقىلار كىرەلمەيدۇ، روزا تۇتقۇچىلار قەيەردە؟دېيىلسە، روزا تۇتقۇچىلار ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئۇ ئىشىكتىن ئۇلاردىن باشقا ھېچكىم كىرەلمەيدۇ، ئۇلار كىرىپ بولسا ئىشىك تاقىلىپ باشقا بىرسىگە ئېچىلمايدۇ

سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەتتە رەييان دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىشىك بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن روزا تۇتقانلارلا كىرىدۇ، باشقىلار كىرەلمەيدۇ، روزا تۇتقۇچىلار قەيەردە؟دېيىلسە، روزا تۇتقۇچىلار ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئۇ ئىشىكتىن ئۇلاردىن باشقا ھېچكىم كىرەلمەيدۇ، ئۇلار كىرىپ بولسا ئىشىك تاقىلىپ، ئۇنىڭدىن باشقا بىرسىگە ئېچىلمايدۇ»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

ھەدىسنىڭ مەنىسى: جەننەتتە روزا تۇتقۇچىلارغا خاس بولغان رەييان ئاتلىق بىر ئىشىك بولۇپ بۇ ئىشىكتىن ئۇلاردىن باشقىلار كىرەلمەيدۇ، پەرز ۋە نەپلە روزىلارنى تولۇق تۇتقان كىشىلەرنى قىيامەت كۈنى پەرىشتىلەر ئاشۇ ئىشىكتىن جەننەتكە كىرىشى ئۈچۈن چاقىرىدۇ، ئۇلار كىرىپ بولغاندىن كېيىن ئىشىك تاقىلىپ، ئۇلاردىن باشقا ھېچكىمگە ئېچىلمايدۇ

التصنيفات

روزىنىڭ پەزىلىتى