إعدادات العرض
ئەڭ ئاز دېگەندە چارەك دىينار ئۈچۈن قول كېسىلىدۇ
ئەڭ ئاز دېگەندە چارەك دىينار ئۈچۈن قول كېسىلىدۇ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: چارەك دىنار ئالتۇن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولغىنى ئۈچۈن قول كېسىلىدۇ
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Hausa Português മലയാളം Kurdî Tiếng Việt অসমীয়া Nederlands Kiswahiliالشرح
ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە، كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە ئابرويى، مال- مۈلكى قاتارلىق ھەق-ھۆقۇقلىرىنى بۇزغۇنچىلارنىڭ تازاۋۇز قىلىشىدىن ساقلايدىغانلىقىنى كەپالەتگە ئىگە قىلدى. مەسىلەن: باشقىلارنىڭ مېلىنى، ساقلاپ قويغان يېرىدىن يۇشۇرۇن ھالدا ئالغان ئوغرىنىڭ جازاسىنى، ئاشۇ مالنى ئېلىشقا ئىشلەتكەن ئەزاسىنى كېسىپ تاشلاشنى قانۇنلاشتۇردى، بۇ كېسىش ئۇنىڭ گۇناھىغا كاپپارەت بولىشى، ئۇ، ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلارنىڭ بۇ پەسكەش يوللاردىن يېنىپ، شەرىئەت يولغا قويغان ئېسىل يوللار بىلەن پۇل تېپىشقا يۈزلىنىشى ئۈچۈندۇر. بۇنداق بولغاندا، ئىش كۆپىيىدۇ، ھەمدە ئۇ ئىشلارنىڭ نەتىجىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، بۇ كائىنات تەرەققى قىلىدۇ، كىشىلەرنىڭ نەپسى قانىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمەتلىرىدىن؛ ئوغۇرلىسا قول كېسىلىدىغان مالنىڭ ئەڭ ئاز مىقدارىنى، ئالتۇندىن چارەك دىينارغا تەڭ قىلىپ قويغانلىقىدۇر. بۇ مال - مۈلۈكنى قوغداش ۋە ھاياتلىقنى ئاسىراشتۇر. بۇنداق بولغاندا جەمئىيەتتە تېنىچ مۇھىت بارلىققا كېلىدۇ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولۇپ، مال - مۈلكىنى مەبلەغ سېلىپ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇالتصنيفات
ئوغۇرلۇقنىڭ جازاسى