پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئالقىنىمنى ئۆزىنىڭ ئىككى ئالقىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ قۇرئان كەرىمدىن سۈرە ئۈگەتكەندەك تەشەھھۇتنى ئۈگەتتى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئالقىنىمنى ئۆزىنىڭ ئىككى ئالقىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ قۇرئان كەرىمدىن سۈرە ئۈگەتكەندەك تەشەھھۇتنى ئۈگەتتى

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئالقىنىمنى ئۆزىنىڭ ئىككى ئالقىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ قۇرئان كەرىمدىن سۈرە ئۈگەتكەندەك تەشەھھۇتنى ئۈگەتتى:«التَّحِيَّاتُ لِلَّهِ، وَالصَّلَوَاتُ وَالطَّيِّبَاتُ، السَّلاَمُ عَلَيْكَ أَيُّهَا النَّبِيُّ وَرَحْمَةُ اللَّهِ وَبَرَكَاتُهُ، السَّلاَمُ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ اللَّهِ الصَّالِحِينَ، أَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ». بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ لەپزىدە:« ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا تىنچلىق ئاتا قىلغۇچىدۇر، سىلەرنىڭ بىرىڭلار نامازدا تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا: التَّحِيَّاتُ لِلَّهِ وَالصَّلَوَاتُ وَالطَّيِّبَاتُ السَّلَامُ عَلَيْكَ أَيُّهَا النَّبِيُّ وَرَحْمَةُ اللهِ وَبَرَكَاتُهُ، السَّلَامُ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ اللهِ الصَّالِحِينَ» دېسە، بۇ سۆز ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھەر بىر سالىھ بەندىگە يېتىدۇ، أَشْهَدُ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ» دەپ بولغاندىن كېيىن خالىغان دۇئا-تېلەكلەرنى دېسە بولىدۇ.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا نامازدا دېيىلىدىغان تەشەھھۇتنى تەلىم بەردى، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دىققەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ قولىنى ئىككى قولىنىڭ ئارىسىغا ئىلىپ، تەشەھھۇتنى خۇددى قۇرئان كەرىم سۈرىلىرىنى تەلىم بەرگەندەك ئۈگۈتىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تەشەھھۇتنىڭ لەپزى ۋە مەنىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ھۆرمەت، ئۇلۇغلاش ئاللاھ ئۈچۈندۇر»: ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلۇغلاشنى ئىپادىلەيدىغان ھەرقانداق سۆز-ھەرىكەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا خاستۇر. نامازلار: ئۇ ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان ئاللاھ ئۈچۈن ئادا قىلىنىدىغان پەرز ۋە نەپلە نامازلاردۇر. پاكلىقلار: ئۇ: سۆزلەردىن بولسۇن، ئىش-ھەرىكەتلەردىن بولسۇن، مۇكەممەللىكنى بىلدۈرىدىغان پاك سۈپەتلەر بولسۇن بۇنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھ تائالا ھەقلىقتۇر. «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سىلىگە ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى بولسۇن»: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈچۈن بارلىق بالايى-ئاپەت ۋە ياقتۇرۇلمايدىغان ئىشلاردىن سالامەتلىك تىلەپ، ياخشىلىقنىڭ كۆپ ۋە زىيادە بولىشىنى تېلەپ دۇئا قىلىشتۇر. «بىزگە ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگە سالامەتلىك بولسۇن»: ناماز ئادا قىلغۇچى ۋە ئاسمان-زېمىندىكى بارلىق ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن سالامەتلىك تېلەپ دۇئا قىلىش. «ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن»: كەسكىن جەزىم قىلىپ ئىقرار قىلىمەنكى، ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر. «ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر»: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى ئىكەنلىكىگە ئىقرار قىلىمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ناماز ئادا قىلغۇچىنى ئۆزى خالىغان دۇئالارنى تاللاپ قىلىشقا قىزىقتۇردى.

فوائد الحديث

بۇ تەشەھھۇتنىڭ ئورنى بولسا: ھەر نامازدىن ئاخىرقى سەجدىدە ئولتۇرغاندىن كېيىن بولىدۇ، ئىككىنچى رەكەتتە، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكەتتە بولىدۇ.

تەشەھھۇتتا ئەتتەھەيياتۇنى ئوقۇش ۋاجىپ بولىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سابىت بولغان تەشەھھۇت لەپزىلىرىنىڭ قايسىسىنى ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ.

نامازدا ئۆزى ياخشى كۆرگەن دۇئالارنى قىلسا بولىدۇ.

دۇئانى ئالدى بىلەن ئۆزىدىن باشلاش ياخشىدۇر.

التصنيفات

نامازنىڭ سۈپەتلىرى, نامازنىڭ سۈپەتلىرى