ئەلۋەتتە سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ ئارغامچىسىنى ئېلىپ تاققا چىقىپ، بىر باغلام ئوتۇننى مۈرىسىگە ئارتىپ كېلىپ سېتىشى، شۇ ئارقىلىق ئاللاھ ئۇنىڭ يۈزىنى ساقلاپ قېلىشى،…

ئەلۋەتتە سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ ئارغامچىسىنى ئېلىپ تاققا چىقىپ، بىر باغلام ئوتۇننى مۈرىسىگە ئارتىپ كېلىپ سېتىشى، شۇ ئارقىلىق ئاللاھ ئۇنىڭ يۈزىنى ساقلاپ قېلىشى، ئۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەردىن تىلىگىنىدىن ياخشىدۇر، چۈنكى كىشىلەر ئۇنىڭغا يا بېرىدۇ، يا بەرمەيدۇ

زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ ئارغامچىسىنى ئېلىپ تاققا چىقىپ، بىر باغلام ئوتۇننى مۈرىسىگە ئارتىپ كېلىپ سېتىپ، شۇ ئارقىلىق (ئاللاھ ئۇنىڭ) يۈزىنى ساقلاپ قىلىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەردىن تىلىگىنىدىن ياخشىدۇر، چۈنكى كىشىلەر بىرىدۇ ياكى بەرمەيدۇ»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئىنساننىڭ ئۆز قولى بىلەن ئىشلىشى كىشىلەرنىڭ ماللىرىنى سورىغىنىدىن ياخشىدۇر، ئۇلار خالىسا بېرىدۇ، خالىسا بەرمەيدۇ، ئارغامچىسىنى ئېلىپ يايلاق، ئېتىزلىق ۋە ئورمانلارغا چىقىپ ئوتۇن تېرىپ، دۈمبىسىگە ئارتىپ كېلىپ سېتىپ، تۇرمۇشىنى قامداپ ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلىشى باشقىلاردىن بىر نەرسە سوراپ، خار بولغىنىدىن ياخشىدۇر، ئۇلار يا بېرىدۇ، يا بەرمەيدۇ، كىشىلەردىن بىر نەرسە سوراش خارلىقتۇر، مۆمىن دېگەن ئىززەتلىكتۇر، خار ئەمەستۇر

التصنيفات

ئىلىم-سىتىم