إعدادات العرض
مەن ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلغاندا، تىرناقلىرى تۇچتىن بولغان، ئۇنىڭ بىلەن يۈزلىرىنى، مەيدىلىرىنى تاتىلاۋاتقان بىر قەۋمنى كۆرۈپ: ئى جىبرىئىل! ئۇلار كىم؟دېۋىدىم،…
مەن ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلغاندا، تىرناقلىرى تۇچتىن بولغان، ئۇنىڭ بىلەن يۈزلىرىنى، مەيدىلىرىنى تاتىلاۋاتقان بىر قەۋمنى كۆرۈپ: ئى جىبرىئىل! ئۇلار كىم؟دېۋىدىم، جىبرىئىل: بۇلار كىشىلەرنىڭ گۆشىنى يەيدىغان، ئۇلارنىڭ ئابرۇيىنى تۆكىدىغان كىشىلەر دېدى
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلغاندا تىرناقلىرى تۇچتىن، ئۇنىڭ بىلەن يۈزلىرىنى، مەيدىلىرىنى تاتىلاۋاتقان بىر قەۋمنى كۆرۈپ: ئى جىبرىئىل! ئۇلار كىم؟ دېۋىدىم، جىبرىئىل: بۇلار كىشىلەرنىڭ گۆشىنى يەيدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئابرۇيىنى تۆكىدىغان كىشىلەر» دېدى
[ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)] [ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Bahasa Indonesia Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Français Hausa Kurdî Русский Tiếng Việt Magyar ქართული Kiswahili සිංහල Română অসমীয়া ไทย Português मराठी دری አማርኛ ភាសាខ្មែរالشرح
ھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلغاندا تىرناقلىرى تۇچتىن بولغان، تىرناقلىرى بىلەن يۈزلىرى ۋە بەدەنلىرىنى تاتىلاۋاتقان بىر قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتتى، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ھەيران قىلىپ، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامدىن: ئۇلار كىم؟ نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنى مۇشۇنداق قىلىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام: ئۇلارنىڭ كىشىلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدىغان ۋە ئابرۇيىنى چۈشۈرىدىغان كىشىلەردىن ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردىالتصنيفات
گۇناھ-مەسىيەتنى ئەيىپلەش