رەسۇلۇللاھ خەيبەر كۈنى مۇنداق دېدى: «بۇ بايراقنى ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئادەمگە بېرىمەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق غەلىبە ئاتا قىلىدۇ».

رەسۇلۇللاھ خەيبەر كۈنى مۇنداق دېدى: «بۇ بايراقنى ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئادەمگە بېرىمەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق غەلىبە ئاتا قىلىدۇ».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ خەيبەر كۈنى: «بۇ بايراقنى ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئادەمگە بېرىمەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق غەلىبە ئاتا قىلىدۇ» دېگەن ئىدى. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇ: مەن مەنسەپنى پەقەت ئاشۇ كۈنىلا ياخشى كۆرگەنتىم، مېنىڭ ئىسمىم تولىنىپ قالارمىكى دېگەن ئۈمىدتە بېشىمنى سوزۇپ باقتىم. شۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ھەزرىتى ئەلىنى چاقىرىپ، بايراقنى ئۇنىڭغا بەرگەن ئىدى، دەيدۇ. رەسۇلۇللاھ ھەزرىتى ئەلىگە: «قورغان قولغا چۈشكەنگە قەدەر ئالغا قاراپ ئاتلان، ئۇيان-بۇيانغا قارىما» شۇ چاغدا ھەزرىتى ئەلى بىر ئاز مېڭىپ بولۇپ، ئاندىن جايىدا توختاپ قارىماستىن يۇقىرى ئاۋازى بىلەن: ئى پەيغەمبەر بۇلار بىلەن نېمە ئاساستا جەڭ قىلىمەن؟ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: «بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنگە قەدەر جەڭ قىلغىن، ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا قانلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرىگە چېقىلىشقا بولمايدۇ، ئىچكى سىرلىرى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ» دېگەن

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

رەسۇلۇللاھ خەيبەر كۈنى: «بۇ بايراقنى ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئادەمگە بېرىمەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق غەلىبە ئاتا قىلىپ خەيبەرنىڭ بەزى قورغانلىرى ئازات بولىدۇ» دېگەن. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇ: مەن مەنسەپنى پەقەت ئاشۇ كۈنىلا ياخشى كۆرگەنتىم، مېنىڭ ئىسمىم تولىنىپ قالارمىكى دېگەن ئۈمىدتە بېشىمنى سوزۇپ باقتىم. شۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ھەزرىتى ئەلىنى چاقىرىپ، بايراقنى ئۇنىڭغا بەرگەن ئىدى، دەيدۇ. رەسۇلۇللاھ ھەزرىتى ئەلىگە: «قورغان قولغا چۈشكەنگە قەدەر ئالغا قاراپ ئاتلان، ئۇيان-بۇيانغا قارىما» دېگەن ئىدى. سەۋەب باشقا ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالمىسۇن دېمەكچى ئىدى. شۇ چاغدا ھەزرىتى ئەلى بىر ئاز مېڭىپ بولۇپ، خىلاپلىق ھالىتى يۈز بېرىپ قالماسلىقى ئۈچۈن قارىماستىن يۇقىرى ئاۋازى بىلەن: ئى پەيغەمبەر! بۇلار بىلەن نېمە ئاساستا جەڭ قىلىمەن؟دېگەندە، رەسۇلۇللاھ:«بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنگە قەدەر جەڭ قىلغىن، ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا قانلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرىگە چېقىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن. ھەقتىن مەقسەت جانغا جان ۋە زاكات مەقسەتتۇر. ئەگەر راسچتىل ئىمان ئېيتقان بولسا دۇنيادا پايدا قىلغاندەك ئاخىرەتتە مەنپەئەت قىلىدۇ ۋە ئازابتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئۇنداق بولمىسا مەنپەئەتى بولمايدۇ، بەلكى مۇناپىق بولۇپ دوزاخقا يىقىلىدۇ.

التصنيفات

ساھابىلارنىڭ پەزىلىتى(ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن)