جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندا ئۈستى تەرەپتىن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى

جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندا ئۈستى تەرەپتىن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندا ئۈستى تەرەپتىن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى، ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ: «بۇ ئاسماندىن بۈگۈن ئىچىلغان بىر ئىشىك بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېچىلىپ باقمىغان» دېدى، شۇ ئىشىكتىن بىر پەرىشتە چۈشتى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام: «بۇ پەرىشتە بۇنىڭدىن بۇرۇن زېمىنغا چۈشۈپ باقمىغان، پەقەت بۈگۇنلا چۈشتى» دېدى، ئۇ پەرىشتە كىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام قىلىپ: «سۈرە پاتىھە ۋە بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئايەتلىرىدىن ئىبارەت سەندىن ئىلگىرى ھېچقانداق پەيغەمبەرگە بېرىلىپ باقمىغان ئىككى نۇر بىلەن خوش بىشارەت ئالغىن، سەن بۇ ئايەتلەردىن بىرەر ھەرىپنى ئوقۇيدىغانلا بولساڭ چوقۇم سورىغان نەرسەڭ بېرىلىدۇ» دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندا ئۈستى تەرەپتىن، يەنى ئاسمان تەرىپىدىن قۇرۇلۇشنىڭ ياغىچى سۇندۇرۇلغاندا چىقىدىغان ئاۋازدەك ياكى ئىشىكنىڭ ئېچىلغان ئاۋازىدەك قاتتىق بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام بېشىنى كۆتۈرۈپ: «بۇ ئاسماننىڭ بۈگۈن ئىچىلغان بىر ئىشىكى بولۇپ، بۇرۇن ئېچىلىپ باقمىغان دېدى»، ئۇ ئىشىكتىن بىر پەرىشتە چۈشتى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام: «بۇ پەرىشتە بۇنىڭدىن بۇرۇن زېمىنغا چۈشۈپ باقمىغان، پەقەت بۈگۈنلا چۈشتى» دېدى، ئۇ پەرىشتە كىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام قىلىپ: «قوش نۇر بىلەن خوش بىشارەت ئالغىن» دېدى، ئىككىسىدىن ھەر بىرى ئۆز ساھىبىنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان ياكى مەنىسىنى ئويلانغاندا ۋە ياخشى مۇلاھىزە قىلغاندا ئۇ ئايەت ئۆز ساھىبىنى توغرا يولغا باشلايدىغان بولغاچقا ئۇلارنى ئىككى نۇر دەپ ئاتىغان ئىدى، بۇ ئىككى نۇرنى باشقا پەيغەمبەرلەرگە بېرىلمىگەن بۇ ئىككى ئايەتكە خاس قىلغانلىقى: بۇ ئىككى ئايەتنىڭ پەزىلىتى ۋە باشقا ئايەتلەردە تىپىلمايدىغان خۇسۇسىيەتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ، بىرىنچى نۇر بولسا پاتىھە سۈرىسى، ئىككىنچى نۇر بولسا بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىككى ئايەتتۇر، بۇ ئۈممەتدىن بىر مۆمىن كىشى مۇشۇ ئىككى ئايەتنى ئوقۇيدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بۇ ئايەتلەردە تەلەپ قىلىنغان نەرسىلەرنى بېرىدۇ، «بۇ ئىككى ئايەت ساڭا بېرىلدى، سەندىن ئىلگىركى ھېچ بىر پەيغەمبەرگە بېرىلمىگەن» دېدى

التصنيفات

سۈرە ۋە ئايەتلەرنىڭ پەزىلىتى, پەرىشتىلەر