إعدادات العرض
ئالتۇننى ئالتۇنغا ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، كۈمۈشنى كۈمۈشكە ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، بۇغداينى بۇغدايغا ئالماشتۇرغاندا…
ئالتۇننى ئالتۇنغا ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، كۈمۈشنى كۈمۈشكە ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، بۇغداينى بۇغدايغا ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، ئارپىنى ئارپىغا ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئالتۇننى ئالتۇنغا ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، كۈمۈشنى كۈمۈشكە ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، بۇغداينى بۇغدايغا ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، ئارپىنى ئارپىغا ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، دېگەن
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी සිංහල Hausa Português Kurdî Nederlands অসমীয়া Tiếng Việt Kiswahili ગુજરાતી پښتو አማርኛ ไทย Oromoo Română മലയാളം Deutsch नेपालीالشرح
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە: ئۆسۈم بولىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ – ساتقاندا قانداق قىلغاندا توغرا شەكىلدە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ بولسا، قانداق بىر ئادەم ئالتۇننى كۈمۈشكە ساتسا، شۇ نەخ مەيداندا ھازىر بولىشى ۋە مالنى شۇ سورۇننىڭ ئۆزىدە تاپشۇرۇۋېلىشى لازىم بولىدۇ. بۇ سودا پۇل ئالماشتۇرۇش تۈرىگە كىرگەنلىكى ئۈچۈن، نەخ مەيداندا تاپشۇرۇۋېلىش شەرت قىلىندۇ. كىمكى بۇغداينى ئارپىغا ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە ئالماشتۇرسا، ئۇلار، ئۇ نەرسىلەرنى نەخ مەيداندا تاپشۇرۇۋالماستىن ئۇ يەردىن ئايرىلسا، بۇ سودىنى بۇزىدىغان جازانە بارلىققا كەلگەن بولىدۇ. يەنى ئەگەر نەرسىلەرنىڭ تۈرى ئوخشاش بولسا، مەسىلەن: ئالتۇننى ئالتۇنغا ئالماشتۇرغاندەك، گەرچە ئۇنىڭ سۈپىتىدە پەرقى بولسىمۇ نەخ مەيداندا تاپشۇرۇۋېلىشى لازىمدۇر. ئەگەر تۈرى ئوخشىمىسا جازانە ئىللەتلىرى ئوخشاش بولسىمۇ نەخ مەيداندا تاپشۇرۋېلىش لازىم. ئەمما نەخ پۇلدا، ئالتۇن – كۈمۈشكە ئوخشاش ئېغىرلىقىنىڭ باراۋەر بولىشى شەرت ئەمەس. ئەگەر جازانىدىن ئىبارەت ئىللەتتە ئوخشاش بولمىسا ياكى جازانە بولىدىغان مالنىڭ تۈرىدىن بولمىسا ھېچنېمە شەرت قىلىنمايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا نېسى قىلىش ۋە كام - زىيادە قىلىشقا رۇخسەتتۇرالتصنيفات
جازانە قىلىش