إعدادات العرض
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «مەن سالىھ بەندىلىرىم ئۈچۈن كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان نەرسىلەرنى تەييارلىدىم، ئەگەر…
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «مەن سالىھ بەندىلىرىم ئۈچۈن كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان نەرسىلەرنى تەييارلىدىم، ئەگەر خالىساڭلار بۇ ئايەتنى ئوقۇڭلار: «ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ»
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «مەن سالىھ بەندىلىرىم ئۈچۈن كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان نەرسىلەرنى تەييارلىدىم، ئەگەر خالىساڭلار بۇ ئايەتنى ئوقۇڭلار: «ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ» سەجدە سۈرىسى: 17-ئايەت. سەھل ئىبنى سەئەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بار بىر سورۇنغا ھازىر بولدۇم، ئۇ سورۇندا جەننەت سۈپەتلەندى، ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا: «جەننەتتە كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان نەرسىلەر بار» دەپ، بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: «ئۇلارنىڭ يانلىرى ئورۇن ـ كۆرپىدىن يىراق بولىدۇ (يەنى ئۇلار كېچىسى ئىبادەت قىلىپ ئاز ئۇخلايدۇ)، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ (ئازابىدىن) قورقۇپ، (رەھمىتىنى) ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ، ئۇلارغا بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ» سەجدە سۈرىسى 16-17-ئايەت
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Kurdî Tiếng Việt অসমীয়া Nederlands Kiswahili አማርኛ Hausa සිංහලالشرح
ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنغان، چەكلىمىلىرىدىن يېراق بولغان سالىھ بەندىلىرى ئۈچۈن كۆز كۆرمىگەن گۈزەل ۋە ياخشى نەرسىلەرنى، ئاجايىپ سۈپەتلەر ۋە يېقىملىق ئاۋازلاردىن قۇلاق ئاڭلىمىغان نەرسىلەرنى تەييارلىدى، بۇ يەردە كۆرۈش بىلەن ئاڭلاشنى تىلغا ئېلىشتىكى مەقسەت: ھېسسى نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ئىككى ئەزا بىلەن بىلىنىدۇ، ئەمما پۇراش ۋە تېتىش، سېلاش بىلەن بۇنىڭدىن ئازراق نەرسە بىلىنىدۇ. «ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان» يەنى: ئۇلارغا جەننەتتە تەييارلانغان نەرسىلەر ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەچمەيدۇ، جەننەتتە تەييارلانغان نەرسە ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە كەچكەن نەرسىدىن ئەۋزەلدۇر، چۈنكى ئىنساننىڭ كۆڭلىگە ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان خىيالىغا يېقىن نەرسىلەر كېلىدۇ، جەننەتنىڭ نېمەتلىرى بۇنىڭدىن يۇقىرى، بۇمۇ ئاللاھنىڭ ئۆزىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنغان، چەكلىمىلىرىدىن يېراق بولغان، ئاللاھ يولىدا جاپا-مۇشەققەتلەرگە سەۋىر قىلغان كىشىلەرگە قىلغان ئىززەت-ئىكرامىدۇر، مۇكاپات قىلغان ئىشنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ. خالىساڭلار بۇ ئايەتنى ئوقۇڭلار!، يەنە بىر رىۋايەتتە: بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: «ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ» سەجدە سۈرىسى 17-ئايەت. ئايەتنىڭ مەنىسى: ھېچ كىم بىلمەيدۇ دېگەن ئايەت تونۇشسىز شەكىلدە بايان قىلىنغاچغا بارلىق جانلىقلار بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمىگە كېرىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان مول نېمەت، كۆپ ياخشىلىق، خۇرسەنلىك، لەززەتلەرنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، خۇددى ئۇلارنىڭ كېچىدە ناماز ئوقۇغان، دۇئا قىلغان ۋە مەخپى قىلغان ئەمەللىرىنى ھېچ كىشى بىلمىگەندەك، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ تۈرىدىن مۇكاپاتلاپ، ئۇلارنىڭ ئەجىر-ساۋابىمۇ مەخپى قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا: «ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ساقلانغان نېمەتلەرنى ھېچ كىم بىلمەيدۇ» دېدىالتصنيفات
جەننەت ۋە دوزاخنىڭ سۈپەتلىرى