إعدادات العرض
جىنازىنى تىز ئېلىپ مېڭىڭلار! چۈنكى ئۇ مېيىت ئەگەر ياخشى بولغان بولسا، سىلەر ئۇنى ئۇ ياخشىلىقىغا يەتكۈزۈپ قويغىنىڭلار تۈزۈك. ئەگەر باشقىچە بولغان بولسا،…
جىنازىنى تىز ئېلىپ مېڭىڭلار! چۈنكى ئۇ مېيىت ئەگەر ياخشى بولغان بولسا، سىلەر ئۇنى ئۇ ياخشىلىقىغا يەتكۈزۈپ قويغىنىڭلار تۈزۈك. ئەگەر باشقىچە بولغان بولسا، گەدىنىڭلاردىن يامانلىقنى چۈشۈرۋېتىسىلەر
ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: جىنازىنى تىز ئېلىپ مېڭىڭلار! چۈنكى ئۇ مېيىت ئەگەر ياخشى بولغان بولسا، سىلەر ئۇنى ئۇ ياخشىلىقىغا يەتكۈزۈپ قويغىنىڭلار تۈزۈك. ئەگەر باشقىچە بولغان بولسا، گەدىنىڭلاردىن يامانلىقنى چۈشۈرۈۋېتىسىلەر
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Hausa Português Kurdî Tiếng Việt Nederlands Kiswahili অসমীয়া ગુજરાતી ไทย සිංහලالشرح
شەرىئەتنى بېكىتكەن ھېكمەتلىك زات, مېيىتنى دەپنە قىلىشتا ئالدىراشقا بۇيرىدى. يەنە بىر ئېھتىمال؛ بۇ يەردىكى ئالدىراشتىن بولغان مەقسەت، مېيىتنى تەييارلاشتا ئالدىراشتۇر، مەسىلەن: ئۇنى يۇيۇش، نامىزىنى چۈشۈرۈش، كۆتۈرۈپ مېڭىش ۋە دەپنە قىلىش ئىشلىرىدا ئالدىراش. چۈنكى ئۇ مېيىت ئەگەر ياخشى بولغان بولسا، ئۇ ياخشىلىققا ۋە ئۇتۇق قازىنىشقا بارىدۇ. ئۇ، مىنى ئاپىرىڭلار! دەپ تەكرار دەۋاتقان تۇرسا، ئۇنىڭغا توسالغۇ بولۇش لايىق ئەمەستۇر. ئەگەر باشقىچە بولغان بولسا، ئۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ناچار نەرسىدۇر. سىلەر ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىشىڭلار، ئۇنىڭ جاپاسىدىن ۋە ئۇنى كۆرۈشتىن ئارام ئېلىشىڭلار كېرەك. شۇڭا ئۇنى يەرلىككە قويۇش بىلەن يەڭگىللەڭلارالتصنيفات
مەيىتنى كۆتۈرۈش ۋە دەپنە قىلىش