ئى قەلىبلەرنى ئۆزگەركۈچى زات! مېنىڭ قەلبىمنى ئۆزەڭنىڭ دىنىڭدا مۇستەھكەم قىلغىن

ئى قەلىبلەرنى ئۆزگەركۈچى زات! مېنىڭ قەلبىمنى ئۆزەڭنىڭ دىنىڭدا مۇستەھكەم قىلغىن

شەھرۇ ئىبنى ھەۋشەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئى مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىلىنىڭ يانلىرىدىكى چاغلىرىدا ئەڭ كۆپ قىلىدىغان دۇئاسى قايسى ئىدى؟ دەپ سورىدىم. ئۇ ئانىمىز، ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ قىلىدىغان دۇئاسى: ئى قەلىبلەرنى ئۆزگەرتكۈچى زات! مېنىڭ قەلبىمنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىدا مۇستەھكەم قىلسىلا، دېگەن دۇئا ئىدى، دېدى

[بۇ ھەدىس باشقا ئىسناد بىلەن سەھىھ] [تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ كۆپ قىلىدىغان دۇئاسى: (ئى قەلبلەرنى ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچى زات!) يەنى، ئۇنى بەزىدە تائەت يۈزلۈنۈشكە ۋە بەزىدە مەسىيەت ۋە غەپلەتكە ئالماشتۇرۇپ تۇرغۇچى. (مېنىڭ قەلبىمنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىدا مۇستەھكەم قىلسىلا) يەنى، ئۇنى توغرا دىن ۋە تۈز يولدىن باشقا تەرەپكە بۇرۇلمايدىغان، ئۆزلىرىنىڭ دىنىدا مۇستەھكەم قىلسىلا، دەيتتى

التصنيفات

ھەدىستە بايان قىلىنغان دۇئالار, قەلىب ئەمەللىرى