مېيىت جىنازىغا قويۇلۇپ كىشىلەر ياكى ئەرلەر ئۇنى مۇرىلىرىگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ ماڭغاندا، ئۇ كىشى ئەگەر ياخشىلاردىن بولسا: مېنى تىز ئېلىپ بېرڭلار، دەيدۇ. ئەگەر شەقى…

مېيىت جىنازىغا قويۇلۇپ كىشىلەر ياكى ئەرلەر ئۇنى مۇرىلىرىگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ ماڭغاندا، ئۇ كىشى ئەگەر ياخشىلاردىن بولسا: مېنى تىز ئېلىپ بېرڭلار، دەيدۇ. ئەگەر شەقى بەندە بولسا: ھالىمغا ۋاي مېنى قەيەرگە ئېلىپ ماڭدىڭلار، دەيدۇ

ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مېيىت جىنازىغا قويۇلۇپ كىشىلەر ياكى ئەرلەر ئۇنى مۇرىلىرىگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ ماڭغاندا، ئۇ كىشى ئەگەر سالىھ بەندە بولسا: مېنى تىز ئېلىپ بېرڭلار، دەيدۇ. ئەگەر شەقى بەندە بولسا: ھالىمغا ۋاي مېنى قەيەرگە ئېلىپ ماڭدىڭلار، دەيدۇ. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئىنساندىن باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئاڭلايدۇ، ئەگەر ئىنسان ئاڭلىسا ئىدى، قورقۇپ جېنى چىقىپ كېتەتتى»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

مېيىت جىنازىغا قويۇلۇپ كىشىلەر ئۇنى مۇرىلىرىگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ ماڭغاندا، ئۇ كىشى ئەگەر سالىھ بەندە بولسا: ئۇ جەننەتنىڭ نېمەتلىرىنى كۆرۈشكە ئالدىراپ مېنى تىز ئېلىپ بېرڭلار، دەيدۇ. ئەگەر شەقى بەندە بولسا: دوزاخ ئازابىنىڭ دەھشىتىدىن قورقۇپ ھالىمغا ۋاي مېنى قەيەرگە ئېلىپ ماڭدىڭلار، دەيدۇ. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئىنساندىن باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئاڭلايدۇ، ئەگەر ئىنسان ئاڭلىسا ئىدى، قورقۇپ جېنى چىقىپ كېتەتتى

التصنيفات

بەرزەخ ھاياتى-ئۆلگەن ۋاقىتتىن تارتىپ قايتا تىرىلگەنگە قەدەر بولغان ئارىلىق