بەزى بىر چاچلىرى چۇۋۇق، ئۈستى-باشلىرى توپا-تەرەت، نام-ئابرۇيى يوق كىشى بار، ئەگەر ئۇ ئاللاھ تائالا نامىدىن قەسەم ئىچىپ بىر سۆز قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دېگىنىنى…

بەزى بىر چاچلىرى چۇۋۇق، ئۈستى-باشلىرى توپا-تەرەت، نام-ئابرۇيى يوق كىشى بار، ئەگەر ئۇ ئاللاھ تائالا نامىدىن قەسەم ئىچىپ بىر سۆز قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلىپ بېرىدۇ

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: بەزى بىر چاچلىرى چۇۋۇق، ئۈستى-باشلىرى توپا-تەرەت، يوقسۇل، نام-ئابرۇيى يوق بىر كىشى بار، ئەگەر ئۇ ئاللاھ تائالا نامىدىن قەسەم ئىچىپ بىر سۆز قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلىپ بېرىدۇ

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: بەزى بىر چاچلىرى چۇۋۇق، ئۈستى-باشلىرى توپا-تەرەت، يوقسۇل، نام-ئابرۇيى يوق بىر كىشى بار، ئەگەر ئۇ ئاللاھ تائالا نامىدىن قەسەم ئىچىپ بىر سۆز قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلىپ بېرىدۇ. «وأشعث من الشعث» بۇ چاچنىڭ سۈپەتلىرى بولۇپ، چاچلىرىنى تاراشقا ياكى مايلاشقا بىر نەرسە تاپالمىغان كىشىنىڭ چېچىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇ كىشى تاشقى كۆرۈنۈشىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. «وأغبر يعني أغبر اللون» چاچلىرى، كېيىملىرى توپا-تەرەت، ئۇ كىشى پېقىر بولغانلىقتىن كېيىملىرى كونا، دېمەكچى. «مدفوع بالأبواب» يەنى ئۇنىڭ ئابرۇيى يوق دېمەكچى. كىشىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ رۇخسەت سورىسا رۇخسەت بىرىلمەيدۇ، ئىززەت-ئابرۇيى بولمىغانلىقتىن بەلكى كىشىلەر ئۇنى ئىتتىرىۋىتىدۇ. ھالبۇكى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئۇ ئادەمنىڭ ئورنى، ئابرۇيى بار. ئەگەر بىر نەرسە ئۈچۈن قەسەم ئىچسە ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۇرۇنداپ بېرىدۇ. ئەگەر ئۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەم بۇ بۇنداق بولمايدۇ، دېسە ئۇ دېگەندەك بولىدۇ. ۋەياكى ئۇ: بۇ ئىش بۇنداق بولىدۇ، دېسە ئۇ ئىش شۇنداق بولىدۇ. ئەگەر ئاللاھ تائالا نامىدىن بىر نەرسىگە قەسەم قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ ھۆرمىتىدىن، ئىتىبارىدىن دېگەن ئىشىنى ئۇرۇنداپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىكى ئۆلچەم ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا قانچىلىك تەقۋادارلىقى، خۇددى قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر» سۈرە ھۇجۇرات 13-ئايەت. كىمىكى بەك تەقۋادار بولىدىكەن ئۇ كىشى ئەڭ ھۆرمەتلىك بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلىدۇ، دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ، ئېغىرچىلىقتىن قۇتقۇزىدۇ، قەسىمىنى ئۇرۇنداپ بىرىدۇ. ئاللاھ تائالا نامىدىن قەسەم قىلغان بۇ كىشى بىرىگە زۇلۇم قىلىش مەقستىدە بولمايدۇ، ئاللاھ تائالاغا ئۆز مۈلكىدە چوڭچۇلۇق قىلمايدۇ. لېكىن ئۇ كىشى ئاللاھ تائالاغا ئىشەنگەن جەھتىدىن ئۇ رازى بولىدىغان ئىشلاردا، ياكى «مۇباھ» دۇرۇس بولىدىغان ئىشلاردا قەسەم قىلىدۇ

التصنيفات

ياخشى ئەمەللەرنىڭ پەزىلىتى