قانداق بىر كىشى ئاللاھنىڭ ئۇنى قىيامەت كۈنىدە قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشىنى ئارزۇ قىلسا، قىيىنچىلىقى بار كىشىدىكى قەرىزنى قايتۇرۋېلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ بەرسۇن…

قانداق بىر كىشى ئاللاھنىڭ ئۇنى قىيامەت كۈنىدە قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشىنى ئارزۇ قىلسا، قىيىنچىلىقى بار كىشىدىكى قەرىزنى قايتۇرۋېلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ بەرسۇن ياكى قەرىزنى كەچۈرۋەتسۇن

ئەبۇقەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقى رىۋايەت قىلىندى: «قانداق بىر كىشى ئاللاھنىڭ ئۇنى قىيامەت كۈنىدە قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشىنى ئارزۇ قىلسا، قىيىنچىلىقى بار كىشىدىكى قەرىزنى قايتۇرۋېلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ بەرسۇن ياكى قەرىزنى كەچۈرۋەتسۇن»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ھەدىسنىڭ مەنىسى: «ھەرقانداق بىر كىشىنى خۇشال قىلسا» يەنى خۇرسەن قىلسا ۋە تەئەججۇپلەندۇرسە، «ئاللاھ ئۇنى قىيامەت كۈنىنىڭ دىشۋارچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ» يەنى ئاللاھ قىيامەت كۈنىنىڭ دەھشىتى ۋە قىيىنچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ، «قىيىنچىلىقى بار كىشىنى خاتىرجەم قىلسۇن»يەنى قەرىزنىڭ ۋاقتى توشقاندا، قەرىزنى تەلەپ قىلىشنى كېچىكتۈرسۇن ۋە قەرىزنى ئادا قىلغۇدەك بىر نەرسە تاپقۇچە مۆھلەت بەرسۇن، «ياكى قەرىزنى بولدى قىلۋەتسۇن» يەنى ئۇ كىشىدىكى قەرىزنىڭ ھەممىسىنى ياكى بەزىسىنى كەچۈرۈۋەتسۇن، ئاللاھ: «ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغىچە كۈتۈڭلار، ئەگەر (خەيرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلار، قىيىنچىلىقتا قالغان قەرزداردىن ئالىدىغان قەرزنى ئۇنىڭغا) سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر» دېگەن. بەقەرە سۈرىسى 280-ئايەت

التصنيفات

قەرىز بېرىش