إعدادات العرض
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ھەممە ئىشتا ئىستىخار سېلىشنى قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۆگەتكەندەك ئۆگىتەتتى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ھەممە ئىشتا ئىستىخار سېلىشنى قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۆگەتكەندەك ئۆگىتەتتى
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ھەممە ئىشتا ئىستىخار سېلىشنى قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۆگەتكەندەك ئۆگۈتۈپ: ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىرەر ئىش قىلىشنى نىيەت قىلسا، ئۇ ئالدى بىلەن ئىككى رەكەت نەپلە ناماز ئوقۇسۇن! ، ئاندىن دۇئا قىلىپ: ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭ ئىلمىڭ بىلەن بۇ ئىشىمنىڭ ياخشى بولىشىنى تىلەيمەن، ماڭا ياخشىلىقنى تەقدىر قىلغىن، ماڭا ياخشى نېمەتلىرىڭنى ئاتا قىلغىن، سەن ھەممىگە قادىرسەن، مەن ئاجىزمەن، سەن ھەممىنى بىلىسەن، مەن سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمەن، سەن غەيىپنى بىلگۈچىسەن، ئى ئاللاھ! ئەگەر مېنىڭ بۇ قىلماقچى بولغان ئىشىم دىنىمغا، دۇنيالىق ئىشىمغا ۋە كەلگۈسىگە پايدىلىق بولسا، بۇ ئىشىمدا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىمغا ئاسانلىق، ئىشلىرىمغا خوشاللىق ۋە بەرىكەت ئاتا قىلغىن، ئەگەر بۇ ئىش مېنىڭ دىنىمغا، دۇنيالىق تۇرمۇشۇمغا ۋە كەلگۈسۈمگە ھىچ پايدىسىز بولسا، ئۇ ئىشنى مەندىن يىراق قىلغىن، مېنىمۇ ئۇ ئىشتىن يىراق قىلغىن، ياخشى ئىش نەدە بولسا، ئۇ ئىشنى قىلىشقا مېنى نىسىپ قىلغىن، ئاندىن شۇ ئىش بىلەن مېنى رازى قىلغىن» دېسۇن، دەيتتى «ھاجىتىنى دەيدۇ» دېدى
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Bahasa Indonesia Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Français Kurdî Русский Tiếng Việt অসমীয়া Nederlands Kiswahili አማርኛ Hausa සිංහල ไทยالشرح
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۈگۈتۈشكە ھېرىس بولغاندەك ئىستىخار نامىزىنىڭ ئوقۇلىشىنى تەلىم بېرەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۆرسەتمە بېرىپ: بىرەر كىشى نەپلە نامازدىن ئىككى رەكەت ئوقۇپ، سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى ئىش ياكى بىر قانچە ئىشتىن بىرىنى تاللاشتا ئاللاھدىن قەلبىنى ئوچۇق قىلىشىنى تىلەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر،چۈنكى ئىككى ياكى ئىشلارنىڭ ياخشىلىقىنى پەقەت شۇ ئىشنى بىلگۈچى زات قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇ پەقەت ئاللاھدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى ئىشنىڭ ياخشىراقىنى تەقدىر قىلىشنى ئاللاھدىن سورايدۇ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى سورايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە ئالاقىدار بولىشى مۇمكىن بولغان، ئىنسان قادىر بولالمايدىغان ھەرقانداق ئىشنى تەقدىر قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا چوڭ - كىچىك ھەرقانداق ئىشنى بىلىدۇ، بۇنى پەقەت شۇ ئىشلارنى بىلگۈچى زاتلا بىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن زەررە مىقدارى نەرسە غايىپ بولمايدۇ، ئاندىن ئاللاھ تائالادىن ئىنسان ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ، ئۇ ئىشنىڭ ئۆزىگە ياخشى بولىدىغانلىقى، دىن ۋە دۇنيالىق تەرەپتىن زىيىنى بولمايدىغان بولسا، ئۇ ئىشنى ئۆزىگە تەقدىر قىلىشنى ۋە ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشنى سورايدۇ، ئەگەر بۇ ئىشنىڭ ئۆزىنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا زىيىنى بولىدىغان بولسا، ئۇ ئىشنى ئۆزىدىن يىراق قىلىشنى ۋە ئۆزىنىمۇ ئۇ ئىشتىن يىراق قىلىشنى، ياخشى ئىش نەدە بولسا شۇنى تەقدىر قىلىشنى ئاندىن شۇ ئىش بىلەن ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە، ئورۇنلاشتۇرىشىغا رازى بولۇشنى سورايدۇالتصنيفات
ئىستىخار نامىزى