ھەرقانداق نەرسىدە مۇلايىملىق بولىدىكەن ئۇ چىرايلىق بولىدۇ، ھەرقانداق نەرسىدە مۇلايىملىق بولمايدىكەن ئۇ قەبىھتۇر

ھەرقانداق نەرسىدە مۇلايىملىق بولىدىكەن ئۇ چىرايلىق بولىدۇ، ھەرقانداق نەرسىدە مۇلايىملىق بولمايدىكەن ئۇ قەبىھتۇر

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق نەرسىدە مۇلايىملىق بولىدىكەن ئۇ چىرايلىق بولىدۇ، ھەرقانداق نەرسىدە مۇلايىملىق بولمايدىكەن ئۇ قەبىھتۇر».

[تېكىست توغرا] [مۇسلىم رىۋايىتى]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆز-ھەرىكەتلەردە مۇلايىملىق، سېلىقلىق، تەمكىنلىك بولسا، بۇ ئىش ناھايتى مۇكەممەل، گۈزەل ۋە چېرايلىق بولىدىغانلىقى، بۇ ئىشنىڭ ئىگىسىنىڭ ئۆز ھاجىتىنى ئادا قىلىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى. مۇلايىملىق ۋە سېلىقلىق بولمىغان ئىشلارنىڭ ئەيىپلىك، كۆرۈمسىز بولىدىغانلىقى، بۇ ئىشنىڭ ئىگىسىنىڭ ئۆز ھاجىتىنى ئادا قىلىشتىن چەكلەپ قويىدىغانلىقى، گەرچە تاپسىمۇ بەك قېيىن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

فوائد الحديث

مۇلايىملىق بىلەن ئەخلاقلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

مۇلايىملىق كىشىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ، ئۇ دىن ۋە دۇنيا ئىشلىرىدىكى ياخشىلىقنىڭ سەۋەبىدۇر.

التصنيفات

گۈزەل ئەخلاقلار