پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە) دەپ تۇرغاندا، ھېچقايسىمىز دۈمبىسىنى تۈزلىمەيتتى، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەجدىگە…

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە) دەپ تۇرغاندا، ھېچقايسىمىز دۈمبىسىنى تۈزلىمەيتتى، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەجدىگە بارغاندا، ئاندىن بىزمۇ سەجدىگە باراتتۇق

ئابدۇللاھ ئىبنى يەزىد ئەلخىتمى ئەلئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەلبەرا ماڭا ھەدىس سۆزلەپ بەردى، (ئۇ يالغانچى ئەمەس) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە) دەپ تۇرغاندا، ھېچقايسىمىز دۈمبىسىنى تۈزلىمەيتتى، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەجدىگە بارغاندا، ئاندىن بىزمۇ سەجدىگە باراتتۇق

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

بۇ ساھابە كىرام بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىنىڭ ساھابىلىرىغا نامازدا ئىمام بولاتتى، ئىقتىدا قىلغانلارنىڭ ھەرىكەتلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەرىكەتلىرى تامام بولغاندىن كېيىن بولاتتى. مەسىلەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەگەر رۇكۇدىن باش كۆتۈرۈپ (سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە) دېسە، ساھابىلىرى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قەددىنى رۇسلايتتى. رەسۇلۇللاھ سەجدىگە بېرىپ يەرگە بېشى تەگكەندىن كېيىن ئۇلارمۇ سەجدىگە باراتتى

التصنيفات

ئىمام ۋە جامائەتكە ئالاقىدار ھۆكۈملەر