?مېنىڭ مۇشۇ مەسچىتىمدە ئوقۇلغان بىر رەكەت ناماز ھەرەم مەسچىتىدىن باشقا مەسچىتلەردە ئوقۇلغان مىڭ رەكەت نامازدىن ياخشىدۇر

?مېنىڭ مۇشۇ مەسچىتىمدە ئوقۇلغان بىر رەكەت ناماز ھەرەم مەسچىتىدىن باشقا مەسچىتلەردە ئوقۇلغان مىڭ رەكەت نامازدىن ياخشىدۇر

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ مۇشۇ مەسچىتىمدە ئوقۇلغان بىر رەكەت ناماز ھەرەم مەسچىتىدىن باشقا مەسچىتلەردە ئوقۇلغان مىڭ رەكەت نامازدىن ياخشىدۇر».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ مەسچىتىدە ناماز ئادا قىلىشنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ، پەيغەمبەر مەسچىتىدە ئوقۇلغان بىر رەكەت ناماز ساۋاپ جەھەتتە، مەككىدىكى ھەرەم مەسچىتىدىن باشقا زېمىندىكى ھەر قانداق مەسچىتتە ئوقۇلغان مىڭ رەكەت نامازدىن ئەۋزەل بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ھەرەم مەسچىتىدە ئوقۇلغان ناماز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىدە ئوقۇلغان نامازدىن ئەۋزەلدۇر.

فوائد الحديث

ھەرەم مەسچىتىدە ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىدە ئوقۇلغان نامازلارنىڭ ئەجىر-ساۋابى زىيادە بولىدۇ.

ھەرەم مەسچىتىدە ئوقۇلغان بىر رەكەت ناماز ئۇنىڭ غەيرىدىكى بارلىق مەسچىتلەردە ئادا قىلىنغان يۈزمىڭ رەكەت نامازدىن ياخشىدۇر.

التصنيفات

مەسجىدلەر ھۆكمى