پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسچىتكە كىرگەن ئىدى، كەينىدىن بىر ئادەم كىرىپ ناماز ئوقۇدى، ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بېرىپ…

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسچىتكە كىرگەن ئىدى، كەينىدىن بىر ئادەم كىرىپ ناماز ئوقۇدى، ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بېرىپ سالام قىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: نامازنى قايتا ئوقۇغىن، چۈنكى سەن ناماز ئوقۇمۇدۇڭ، دېدى. ئۇ كىشى قايتىپ بېرىپ ئاۋالقىدەكلا ناماز ئوقۇپ كېلىپ رەسۇلۇللاھقا سالام قىلغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ: بېرىپ نامازنى قايتا ئوقۇ، چۈنكى سەن ناماز ئوقۇمۇدۇڭ، دېدى. بۇ ئىش ئۈچ قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن ھېلىقى ئادەم: سىلىنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەمكى مەن بۇنىڭدىن ياخشىراق ئوقۇيالمايمەن ماڭا ئۈگۈتۈپ قويسىلا، دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: نامازغا تۇرغىنىڭدا تەكبىر ئېيىت، ئاندىن قۇرئاندىن ساڭا ئاسان بولغىنىنى ئوقۇغىن، ئاندىن رۇكۇغا بېرىپ رۇكۇدا تەمكىن تۇرغىن، ئاندىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ رۇس تۇرغىن، ئاندىن سەجدە قىلىپ، سەجدىدە تەمكىن تۇرغىن، ئاندىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ رۇس ئۆلتۈرغىن، پۈتۈن نامىزىڭدا مۇشۇنداق قىلغىن، دېدى

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسچىتكە كىرگەن ئىدى، كەينىدىن بىر ئادەم كىرىپ ناماز ئوقۇدى، ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بېرىپ سالام قىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: نامازنى قايتا ئوقۇغىن، چۈنكى سەن ناماز ئوقۇمۇدۇڭ، دېدى. ئۇ كىشى قايتىپ بېرىپ ئاۋالقىدەكلا ناماز ئوقۇپ كېلىپ رەسۇلۇللاھقا سالام قىلغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ: بېرىپ نامازنى قايتا ئوقۇ، چۈنكى سەن ناماز ئوقۇمۇدۇڭ، دېدى. بۇ ئىش ئۈچ قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن ھېلىقى ئادەم: سىلىنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەمكى مەن بۇنىڭدىن ياخشىراق ئوقۇيالمايمەن ماڭا ئۈگۈتۈپ قويسىلا، دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: نامازغا تۇرغىنىڭدا تەكبىر ئېيىت، ئاندىن قۇرئاندىن ساڭا ئاسان بولغىنىنى ئوقۇغىن، ئاندىن رۇكۇغا بېرىپ رۇكۇدا تەمكىن تۇرغىن، ئاندىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ رۇس تۇرغىن، ئاندىن سەجدە قىلىپ، سەجدىدە تەمكىن تۇرغىن، ئاندىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ رۇس ئۆلتۈرغىن، پۈتۈن نامىزىڭدا مۇشۇنداق قىلغىن، دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسچىتكە كىردى، كەينىدىن ساھابىلەردىن خەللاد ئىبنى راپىئ ئىسىملىك بىر ساھابە كىرىپ تىز ھەم كەمتۈك بىر ناماز ئوقۇدى. نامازدىن بىكار بولغاندا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كىلىپ سالام قىلدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ سالامىغا جاۋاب قايتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا: قايتىپ بېرىپ ناماز ئوقۇغىن، سەن بايا ناماز ئوقۇمىدىڭ، دېدى. ئۇ كىشى بېرىپ ئاۋۋال قانداق ئوقۇغان بولسا، بۇ قېتىممۇ شۇ پەدىدە ئوقۇدى، ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كەلدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: قايتىپ بېرىپ ناماز ئوقۇغىن، سەن بايا ناماز ئوقۇمىدىڭ، دەپ بۇ ئىش ئۈچ قېتىم تەكرارلاندى. ئۈچىنچى قېتىمدا بۇ كىشى قەسەم قىلىپ: سىلىنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەمكى «ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالا» مەن بۇنىڭدىن ياخشى ئوقۇياممايمەن، ماڭا ئۈگۈتۈپ قويسىلا، دېدى. بۇ كىشىنىڭ ئىلىمگە ھېرىسمەنلىكى ۋە ئىچ-ئىچىدىن ئۈگۈنۈش ئېستىكىنىڭ بارلىقى، تەلىمنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلىقى، تەكرار قىلىپ تۇرغان بولسىمۇ كېيىن ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقى نامايەن بولدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا تۆۋەندىكىلەرنى ئۈگەتتى: سەن نامازغا تۇرغىنىڭدا باشلاش تەكبىرىنى ئېيىت، ئاندىن پاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن قۇرئاندىن ساڭا ئاسان بولغىنىنى ئوقۇغىن، ئاندىن رۇكۇغا بېرىپ رۇكۇدا تەمكىن تۇرغىن، ئاندىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ رۇس، تەمكىن تۇرغىن، ئاندىن سەجدە قىلىپ، سەجدىدە تەمكىن تۇرغىن، ئاندىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ رۇس ئۆلتۇرغىن، پۈتۈن نامىزىڭدا مۇشۇنداق قىلغىن، دېدى. باشلاش تەكبىرىدىن باشقا ھەر قېتىملىق تەكبىرلەردە شۇنداق قىلىنىدۇ، چۈنكى باشلاش تەكبىرى بىرىنچى رەكەتتە. ئاز دېگەندە سۈرە پاتىھەنى ئوقۇشنىڭ ۋاجىپلىقى باشقا ھەدىسلەردىمۇ بايان قىلىنىدۇ

التصنيفات

نامازنىڭ سۈپەتلىرى