إعدادات العرض
ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرگە بەرگەن رۇخسىتىنى چىڭ تۇتۇڭلار
ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرگە بەرگەن رۇخسىتىنى چىڭ تۇتۇڭلار
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بىر سەپەرگە چىقىۋىدى، كىشىلەرنىڭ بىر يەرگە قىستىلىپ تۇرغانلىقىنى ۋە بىر ئادەمنىڭ سايىدىلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: نېمە ئىش بۇ؟ دېدى، ئۇلار: روزا تۇتقۇچى، دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سەپەردە روزا تۇتۇش ياخشى ئىش ئەمەس، دېدى. سەھىھ مۇسلىمدا كەلگەن يەنە بىر رىۋايەتتە: ئاللاھ تائالا سىلەرگە بەرگەن رۇخسىتىنى چىڭ تۇتۇڭلار! دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Bahasa Indonesia Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Français සිංහල Hausa Português Kurdî Русский دری Македонскиالشرح
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە فەتھى بولغان يىلى بىر سەپەردە ئېدى، كىشىلەرنىڭ بىر يەرگە توپلىشىۋالغىنىنى ۋە بىر ئادەمنىڭ ئولتۇرۇپ سايىدىنىۋاتقىنىنى كۆردى (ئىبنى جەرىرنىڭ رىۋايىتىدىمۇ مۇشۇنداق كەلگەن)، پەيغەمبىرىمىز ئۇ كىشى ھەققىدە سورىۋىدى، ئۇلار: ئۇ روزىدار ئىكەن، ئۇسسۇزلۇق ئۇنى مۇشۇ ھالغا كەلتۈرۈپتۇ، دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ھەممىدىن رەھىمدىل ئېسىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەقىقەتەن سەپەر ئۈستىدە روزا تۇتۇش ياخشىلىقتىن ئەمەس، لېكىن سىلەر ئاللاھ تائالا سىلەرگە بەرگەن رۇخسىتىنى چىڭ تۇتۇڭلار! ئۇ سىلەرنى ئىبادەتكە بۇيرۇغاندا ئۆزۈڭلارنى قىيناشنى ئىرادە قىلمىدى، دېدى. تەيسىيرىل ئەللام (327- بەت)، تەنبىھۇل ئەفھام (3- توم،434- بەتلەر)، تەئسىسۇل ئەھكام (3- توم،244- بەت)التصنيفات
ئۈزۈرلۈك كىشىلەرنىڭ روزىسى