ئىنسان قىيامەت كۈنىدە ئۆزىنىڭ ئۆمرىنى نېمىگە سەرىپ قىلدى، ئۈگەنگەن ئىلىمىگە قانچىلىك ئەمەل قىلدى، مال-دۇنياسىنى قەيەردىن تاپتى ۋە نېمە ئىشلارغا چېقىم قىلدى،…

ئىنسان قىيامەت كۈنىدە ئۆزىنىڭ ئۆمرىنى نېمىگە سەرىپ قىلدى، ئۈگەنگەن ئىلىمىگە قانچىلىك ئەمەل قىلدى، مال-دۇنياسىنى قەيەردىن تاپتى ۋە نېمە ئىشلارغا چېقىم قىلدى، جىسمىنى نېمە ئىشلار بىلەن خورۇتتى؟ بۇنىڭدىن سورىلىدۇ؟

ئەبى بەرزەتەل ئەسلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان قىيامەت كۈنىدە ئۆزىنىڭ ئۆمرىنى نېمىگە سەرىپ قىلدى، ئۈگەنگەن ئىلىمىگە قانچىلىك ئەمەل قىلدى، مال-دۇنياسىنى قەيەردىن تاپتى ۋە نېمە ئىشلارغا چېقىم قىلدى، جىسمىنى نېمە ئىشلار بىلەن خورۇتتى؟ بۇنىڭدىن سورىلىدۇ؟».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە: ئىنسانلاردىن ھەر بىر كىشىنىڭ قىيامەت كۈنىدە تۆۋەندىكى ئىشلاردىن سورالماي تۇرۇپ ھېساپ مەيدانىدىن جەننەتكە ياكى دوزاخقا ئۆتۈپ كەتمەيدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ. بىرىنچى: ھاياتىنى نېمە ئىشلار بىلەن ئاخىرلاشتۇردى؟. ئىككىنچى: ئۈگەنگەن ئىلمى بىلەن ئاللاھ رازىلىقىنى تەلەپ قىلدىمۇ؟، بىلگىنىگە يارىشا ئەمەل قىلدىمۇ؟، ئىلىمنى كىشىلەرگە يەتكۈزدىمۇ؟. ئۈچىنچى: مال-دۇنيانى قەيەردىن تاپتى، ھالالدىنمۇ ياكى ھارامدىنمۇ؟، مالنى ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلدىمۇ ياكى ئاللاھ غەزەپ قىلىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلدىمۇ؟. تۆتىنچى: جىسمىنى، كۈچ-قۇۋۋىتىنى، ساقلىقىنى، ياشلىقىنى نېمە ئىشلار بىلەن يوق قىلدى ۋە نېمىگە سەرپ قىلدى؟.

فوائد الحديث

ئىنسان ھاياتىنى غەنىمەت بىلىپ، ئۇنى ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈشكە تېرىشىش كېرەك.

ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرى بەك كۆپ، ئىنسان ئۇ نېمەتلەردىن سوئال قىلىنىدۇ، ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان نېمەتلەرنى ئاللاھ تائالا رازى بولىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىش كېرەك.

التصنيفات

ئاخىرەت ھاياتى