إعدادات العرض
مەن يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇم دەپ
مەن يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇم دەپ
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مەن يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇم دەپ: پىشانىگە، قولى بىلەن بۇرنى، ئىككى قولى، ئىككى تىزى ۋە ئىككى قەدىمىنىڭ ئەتراپىغا ئىشارەت قىلدى ۋە كىيىمنى تۈرىۋالماسلىق، چاچنى بانتىلىۋالماسلىق كېرەك، دېدى
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Kurdî Hausa Português മലയാളം తెలుగు Kiswahili தமிழ் မြန်မာ ไทย Русский 日本語 پښتو Tiếng Việt অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá සිංහල دری Кыргызча or Kinyarwanda नेपाली Malagasy Română Lietuvių Oromoo Nederlands Soomaali Српски Deutsch Українська ಕನ್ನಡ Wolof Moore ქართული Azərbaycan Magyarالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ نامازدا ئىنسان جىسمىدىكى يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇ ئەزالار: بىرىنچى: پېشانىسى، ئۇ: بۇرنى ۋە ئىككى كۆزىنىڭ ئۈستىدىكى كەڭلىك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قولى بىلەن بۇرنىغا ئىشارەت قىلىپ پىشانە بىلەن بۇرۇننىڭ يەتتە ئەزادىن بىر ئەزا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، سەجدە قىلغۇچىنىڭ بۇرنىنىڭ زېمىنغا تېگىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئەزا بولسا: ئىككى قول. تۆتىنچى ۋە بەشىنچى ئەزا بولسا: ئىككى تىز. ئالتىنچى ۋە يەتتىنچى ئەزا بولسا: ئىككى قەدەمنىڭ بارماقلىرى. بىز زېمىنغا سەجدە قىلغاندا چاچلىرىمىز بىلەن كىيىمىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىپ چاچلىرىمىزنى چېگىۋالماسلىق، كىيىملىرىمىزنى بىر-بىرىگە چېگىۋالماسلىققا، بەلكى زېمىنغا تەككىدەك قويىۋېتىشكە بۇيرۇلدۇق. كىيىملىرىمىز ئەزالار بىلەن بىرگە سەجدە قىلىدۇ.فوائد الحديث
نامازدا يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشنىڭ ۋاجىپلىقى.
نامازدا كىيىمنى ۋە چاچنى تۈگىۋېلىشنىڭ ياخشى كۆرۈلمەيدىغانلىقى.
ناماز ئادا قىلغۇچىنىڭ نامازنى تىنچ-خاتىرجەم ئادا قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ، بۇ سەجدە قىلىدىغان يەتتە ئەزانى زېمىنغا قويۇش بىلەن بولىدۇ، زېمىنغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان زىكىرلەرنى راھەت ئوقۇغىلى بولىدۇ.
نامازدا چېچىنى بوغىۋېلىش ئەرلەرگە خاس بولىدۇ، چۈنكى ئاياللار نامازدا چېچىنى ئوراشقا بۇيرۇلغان.
التصنيفات
نامازنىڭ سۈپەتلىرى