إعدادات العرض
چوڭ گۇناھلار: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش، ھەقسىز جاننى ئۆلتۈرۈش ۋە يالغان قەسەم قىلىش
چوڭ گۇناھلار: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش، ھەقسىز جاننى ئۆلتۈرۈش ۋە يالغان قەسەم قىلىش
ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «چوڭ گۇناھلار: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش، ھەقسىز جاننى ئۆلتۈرۈش ۋە يالغان قەسەم قىلىش».
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tiếng Việt Kurdî Hausa Português മലയാളം తెలుగు Kiswahili မြန်မာ Deutsch 日本語 پښتو অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands සිංහල தமிழ் ไทย دری Кыргызча Lietuvių Kinyarwanda नेपाली Malagasy Italiano or ಕನ್ನಡ Oromoo Română Soomaali Српски Wolof Moore Українська Azərbaycan ქართული Magyarالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چوڭ گۇناھ سادىر قىلغۇچىغا دۇنيا-ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب ۋەدە قىلىنغان گۇناھ ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەۋۋىلى: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتۇر: ئۇ بولسا، ئىبادەتنىڭ تۈرلىرىدىن قايسى بىر تۈرىنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە قىلىش، ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقىغا، پەرۋەردىگارلىقىغا، گۈزەل ئىسىملىرى ۋە ئالى سۈپەتلىرىگە ئاللاھنىڭ غەيرىنى باراۋەر قىلىش دېمەكتۇر. ئىككىنچىسى: ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش: بۇ ئاغزاكى ياكى ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن بولسۇن ئاتا-ئانىسىغا ئەزىيەت يەتكۈزۈش ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنى تەرك قىلىش دېمەكتۇر. ئۈچىنچىسى: باشقىلارغا زۇلۇم ياكى دۈشمەنلىك قىلىپ بولسۇن ھەقسىز ئادەم ئۆلتۈرۈش. تۆتىنچىسى: ئۇ ساھىبىنى چۆكتۈرىۋېتىدىغان قەسەم: ئۇ بىلىپ تۇرۇپ يالغان قەسەم قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنداق ئاتىلىشى بۇ شەكىلدىكى قەسەم، قەسەم قىلغۇچىنى گۇناھقا ياكى دوزاخ ئازابىغا چۆكتۈرىۋېتىدۇ.فوائد الحديث
يالغان قەسەم قىلىشنىڭ گۇناھى ئېغىر ۋە خەتىرى كاتتا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا كاپارەت يوق، پەقەت تەۋبە قىلىش لازىم بولىدۇ.
ھەدىستە چوڭ گۇناھدىن تۆرتنىلا زىكىر قىلىش بولسا، ئۇنىڭ تۆرت تۈرلىك بىلەنلا توختىتىش ئەمەس بەلكى بۇ تۆرت چوڭ گۇناھنىڭ ھەممىدىن ئېغىر بولغانلىقىدۇر.
گۇناھلار چوڭ ۋە كېچىك دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ، چوڭ گۇناھ دېگەن: دۇنيادا جازاسى بىكىتىلگەن، لەنەتكە ئۇچرايدىغان ياكى ئاخىرەتتە دوزاخقا كېرىش بىلەن ئازاب ۋەدە قىلىنغان گۇناھلاردۇر. چوڭ گۇناھلار ھاراملىقتا بەزىسى بەزىسىدىن پەرقلىق ۋە ئېغىر بولىدۇ. چوڭ گۇناھلاردىن باشقىلىرى كېچىك گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.
التصنيفات
گۇناھ-مەسىيەتنى ئەيىپلەش