ناۋادا ئۈممىتىمگە ئېغىرچىلىق بولىدۇ دېمىسەم ھەر نامازغا مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇيتتىم

ناۋادا ئۈممىتىمگە ئېغىرچىلىق بولىدۇ دېمىسەم ھەر نامازغا مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇيتتىم

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ناۋادا ئۈممىتىمگە ئېغىرچىلىق بولىدۇ دېمىسەم ھەر نامازغا مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇيتتىم

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈممىتىگە كۆيۈنۈپ، ئۇلارغا ياخشىلىقنى ئارزۇ قىلىپ، ئۈممىتى بەخىت-سائادەتكە ئېرشىدىغان ھەر قانداق ئىش بولسا ئۇلارنىڭ قىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى، شۇنىڭ جۈملىسىدىن مىسۋاك ئىشلىتىش، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مىسۋاكنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدىسىنىڭ كۆپلىكىنى بىلگەنلىكتىن، ئۇلارغا ھەر بىر نامازدا ياكى تاھارەت ئالغاندا مىسۋاك ئىشلىتىشنى ۋاجىب قىلىشقا ئۇرۇندى-يۇ لېكىن ئۈممىتىگە رەھىم شەپقەت قىلغانلىقتىن، ئاللاھ تائالانىڭ پەرز قىلىپ قويىشىدىن ئەنسىرەپ توختاپ قالدى، ئەگەر پەرز بولۇپ قالسا ئۇلار قىلالماي قالسا، گۇناھكار بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرىدى. شۇنداقتىمۇ مىسۋاكنى كۆپ ئىشلىتشكە ئۇلارنى قىزىقتۇردى ۋە ئۈندىدى

التصنيفات

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى