قانداق بىر روزا تۇتقۇچى ئۇنتۇپ قېلىپ بىرەر نەرسە يەپ-ئىچكەن بولسا، ئۇ روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن، ھەقىقەتەن بۇ ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا يېمەك ۋە ئۇسسۇزلۇق…

قانداق بىر روزا تۇتقۇچى ئۇنتۇپ قېلىپ بىرەر نەرسە يەپ-ئىچكەن بولسا، ئۇ روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن، ھەقىقەتەن بۇ ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا يېمەك ۋە ئۇسسۇزلۇق بەرگەنلىكىدۇر

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: قانداق بىر روزا تۇتقۇچى ئۇنتۇپ قېلىپ بىرەر نەرسە يەپ-ئىچكەن بولسا، ئۇ روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن، ھەقىقەتەن بۇ ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا يېمەك ۋە ئۇسسۇزلۇق بەرگەنلىكىدۇر

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

ئىسلام شەرىئىتى ئاسانلىق ۋە قۇلايليق ئۈستىگە قۇرۇلغان، تەكلىپلەر ئىنسان تاقىتىگە قارىتا بولىدۇ، كۈچى يەتمىگەن ئىشلاردىن ئىنسان سورالمايدۇ. شۇنىڭ جۈملىسىدىن كىمىكى رامىزان ئېيىدا ۋە ياكى باشقا ئايلاردا يەپ-ئىچىپ قېلىپ ياكى روزىنى بوزىدىغان بىر ئىشنى سەھۋەنلىكتىن قىلىپ قالسا روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن، روزىسى ساغلام بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن بولغان ئەمەس. بىر كىشىنىڭ مەقسەتسىز ئۇنۇتقان ھالدا قىلغان ئىشى روزىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئۇنىڭغا يېمەك ۋە ئۇسسۇزلۇق بېرىلگەندۇر

التصنيفات

روزىنى بۇزىۋېتىدىغان ئامىللار