ماڭا جەننەت ۋە دەۋزەخ كۆرسىتىلدى، مەن يامانلىق ۋە ياخشىلىقدا بۈگۈنكىدەك (نەتىجە) كۆرۈپ باقمىغانتىم. ئەگەر سىلەر مەن بىلگەننى بىلسەڭلار، ئەلۋەتتە ئاز كۈلۈپ كۆپ…

ماڭا جەننەت ۋە دەۋزەخ كۆرسىتىلدى، مەن يامانلىق ۋە ياخشىلىقدا بۈگۈنكىدەك (نەتىجە) كۆرۈپ باقمىغانتىم. ئەگەر سىلەر مەن بىلگەننى بىلسەڭلار، ئەلۋەتتە ئاز كۈلۈپ كۆپ يىغلىغان بولاتتىڭلار

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە شۇنداق بىر خۇتبە (نەسىھەت) سۆزلىدىكى، مەن ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان نەسىھەتنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. رەسۇلۇللاھ: ئەگەر سىلەر مەن بىلگەننى بىلسەڭلار، ئەلۋەتتە ئاز كۈلۈپ كۆپ يىغلىغان بولاتتىڭلار. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى يىغلاشقان ھالدا يۈزلىرىنى يۆگىۋىلىشتى. يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ساھابىلىرى توغرۇلۇق بىرەر گەپ يىتىپ قالدى، ئاندىن ئۇ كىشىلەرگە سۆزلەپ دېدىكى: ماڭا جەننەت ۋە دەۋزەخ كۆرسىتىلدى، مەن يامانلىق ۋە ياخشىلىقتا بۈگۈنكىدەك (نەتىجە) كۆرۈپ باقمىغانتىم. ئەگەر سىلەر مەن بىلگەننى بىلسەڭلار، ئەلۋەتتە ئاز كۈلۈپ كۆپ يىغلىغان بولاتتىڭلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىغا بۇ كۈندىن ئېغىر كۈن كېلىپ باقمىغان ئىدى، ئۇلار يىغلاشقان ھالدا يۈزلىرىنى يۆگىۋىلىشتى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا شۇنداق بىر ۋەز - نەسىھەت سۆزلىدىكى، ئۇلار ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان نەسىھەتنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدى، ئۇنىڭ سۆزلىرى قاتارىدىن: ماڭا جەننەت ۋە دەۋزەخ كۆرسىتىلدى، مەن بۈگۈن جەننەتتە كۆرگەندىن ياخشىراق ، دەۋزەختە كۆرگەندىن يامانراق (ئەھۋالنى) كۆرۈپ باقمىدىم، ئەگەر سىلەر مەن بىلگەننى بىلسەڭلار، ئەلۋەتتە ئاز كۈلۈپ كۆپ يىغلىغان بولاتتىڭلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىغا بۇ كۈندىن ئېغىر كۈن كېلىپ باقمىغان ئىدى، ئۇلار يىغلاشقان ھالدا يۈزلىرىنى يۆگىۋېلىشتى

التصنيفات

جەننەت ۋە دوزاخنىڭ سۈپەتلىرى