مۇئ‍مىنلارنىڭ ئۆزئارا دوستلىقى، كۆيۈنىشى ۋە مېھرىبانلىقىنىڭ مىسالى بىر بەدەنگە ئوخشايدۇ، ئۇيقۇسىزلىق ۋە قىزىتمىغا ئوخشاش بەدەندىن بىر ئەزا ئاغرىپ قالسا، پۈتۈن…

مۇئ‍مىنلارنىڭ ئۆزئارا دوستلىقى، كۆيۈنىشى ۋە مېھرىبانلىقىنىڭ مىسالى بىر بەدەنگە ئوخشايدۇ، ئۇيقۇسىزلىق ۋە قىزىتمىغا ئوخشاش بەدەندىن بىر ئەزا ئاغرىپ قالسا، پۈتۈن بەدەن بىئارەم بولىدۇ

نۇئمان بىن بەشىير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇئ‍مىنلارنىڭ ئۆزئارا دوستلىقى، كۆيۈنىشى ۋە مېھرىبانلىقىنىڭ مىسالى بىر بەدەنگە ئوخشايدۇ، ئۇيقۇسىزلىق ۋە قىزىتمىغا ئوخشاش بەدەندىن بىر ئەزا ئاغرىپ قالسا، پۈتۈن بەدەن بىئارەم بولىدۇ»

[تېكىست توغرا] [بىرلىككە كەلگەن]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان مېھرى-مۇھەببەت، كۆيۈنۈش، ھەمكارلىشىش ۋە ياردەم بېرىش، بىر-بىرىدىن يەتكەن زەرەر ۋە ئەزىيەتلەرگە سەۋىر قىلىشتىن ئىبارەت زۆرۈر ئىشلارنى بىر پۈتۈن بەدەنگە مىسال قىلىپ، خۇددى بەدەندىن بىر ئەزا ئاغرىپ قالسا، پۈتۈن بەدەن ئۇيقۇسىزلىق ۋە قىززىتما بىلەن بىئارام بولىدۇ دەپ بايان قىلىپ بەردى.

فوائد الحديث

مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئۇلۇغلاش، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرىگە ياردەم بېرىشى ۋە كۆيۈنىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

مۇئ‍مىنلەرنىڭ ئارىسىدا مېھرى-مۇھەببەت، ھەمكارلىق-ياردەملىشىشنىڭ بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

التصنيفات

ئىسلام