?مەندىن كېيىن ئاياللاردىنمۇ بەكرەك ئەرلەرگە پىتنە بولىدىغان بىر نەرسىنى قالدۇرۇپ كەتمىدىم»

?مەندىن كېيىن ئاياللاردىنمۇ بەكرەك ئەرلەرگە پىتنە بولىدىغان بىر نەرسىنى قالدۇرۇپ كەتمىدىم»

ئۇسامە بىن زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەندىن كېيىن ئاياللاردىنمۇ بەكرەك ئەرلەرگە پىتنە بولىدىغان بىر نەرسىنى قالدۇرۇپ كەتمىدىم» .

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزى دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن ئەرلەرنى سىناش ۋە ئىمتىھان قىلىشتا ئاياللاردىنمۇ زىيانلىقراق بىر نەرسىنى قالدۇرۇپ كەتمىگەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، ئەگەر ئايال ئائىلىسىدىن بولسا، ئۇ كىشى ئايالىنىڭ كۆڭلىنى دەپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ شەرىئەتتە چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىپ قالىدۇ، ئەگەر يەت ئايال بولسا، يات ئايال بىلەن ئارىلىشىش ۋە يالغۇز قىلىش قاتارلىق ئىشلاردىن كېيىن چوڭ بۇزۇقچىلىق كىلىپ چېقىدۇ.

فوائد الحديث

مۇسۇلمان كىشى ئاياللارنىڭ سىناقلىرى ۋە پىتنىسىدىن ھەزەر قىلىشى، ئۇنىڭغا چۈشۈپ قالىدىغان ھەر قانداق يوللارنى توساش زۆرۈر بولىدۇ.

مۇئ‍مىن پىتنىدىن سالامەت قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ كىتابىغا چىڭ ئېسىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

التصنيفات

ھاۋايى-ھەۋەسكە بېرىلىپ كىتىشنى ئەيىپلەش