إعدادات العرض
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ كەسكىن بۇيرىغان ئىشلارنى ئادا قىلىشىنى ياخشى كۆرگەندەك رۇخسەت قىلغان ئىشلارنى قىلىشىنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ كەسكىن بۇيرىغان ئىشلارنى ئادا قىلىشىنى ياخشى كۆرگەندەك رۇخسەت قىلغان ئىشلارنى قىلىشىنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ كەسكىن بۇيرىغان ئىشلارنى ئادا قىلىشىنى ياخشى كۆرگەندەك رۇخسەت قىلغان ئىشلارنى قىلىشىنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ».
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىبنى ھىببان"سەھىھ ئىبنى ھىببان"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
العربية English မြန်မာ Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands اردو Español Bahasa Indonesia বাংলা Türkçe Bosanski සිංහල हिन्दी Tiếng Việt Hausa മലയാളം తెలుగు Kiswahili ไทย پښتو অসমীয়া Shqip دری Ελληνικά Български Fulfulde Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių Malagasy or Română Kinyarwanda Српски тоҷикӣ O‘zbek नेपाली Moore Kurdî Oromoo Wolof Soomaali Français Tagalog Azərbaycan Українська bm தமிழ் Deutsch ქართული Português Македонски Magyar فارسی Русский 中文الشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ شەرىئەتتە يولغا قويغان ئىبادەت ۋە ئەھكاملاردىن سەپەردە ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇش، تۆت رەكئەتلىك نامازلارنى قەسىر قىلىپ ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇش قاتارلىق ئۈزۈرلۈك كىشىلەرگە يەڭگىللىتىلگەن ھۆكۈمنى ئادا قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇنداقلا ئاللاھ تائالا پەرز، ۋاجىپقا ئوخشاش كەسكىن ئىشلارنى ئادا قىلىشنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ كەسكىن بۇيرىغان ۋە رۇخسەت قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى بىردۇر.فوائد الحديث
ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە قىلغان رەھمىتىدىن: ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ شەرىئەتتە يولغا قويغان رۇخسەت ئىشلارنى قىلىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مۇكەممەلىكىدىن: شەرىئەت مۇسۇلمانلاردىن قىيىنچىلىقلارنى كۆتۈرىۋېتىدۇ.