إعدادات العرض
سەن مۇنداق قىلساڭلا كۇپايە قىلاتتى ئەمەسمۇ؟ دەپ ئالقىنىنى يەرگە بىر ئۇرۇپ ئوڭ ئالقىنى ئارقىلىق سول قولىغا، سول ئالقىنى بىلەن ئوڭ قولىنى سىلىدى، يەنى قولىنىڭ…
سەن مۇنداق قىلساڭلا كۇپايە قىلاتتى ئەمەسمۇ؟ دەپ ئالقىنىنى يەرگە بىر ئۇرۇپ ئوڭ ئالقىنى ئارقىلىق سول قولىغا، سول ئالقىنى بىلەن ئوڭ قولىنى سىلىدى، يەنى قولىنىڭ دۇمبىسى ۋە يۈزىنى سىلىدى
ئەممار ئىبنى ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەممار ئىبنى ياسىر بايان قىلغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى بىر ئىشقا ئەۋەتكەندە مەن جۇنۇب بولۇپ قالدىم، ئۇ جايدا سۇ تاپالماي، ئۇلاغ توپىدا دۇمىلىغاندەك دۇمىلاندىم، ئاندىن ناماز ئوقۇدۇم. رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كەلگەندە بۇنى سۆزلەپ بەرسەم رەسۇلۇللاھ: «سەن مۇنداق قىلساڭلا كۇپايە قىلاتتى ئەمەسمۇ؟ دەپ ئالقىنىنى يەرگە بىر ئۇرۇپ ئوڭ ئالقىنى ئارقىلىق سول قولىغا، سول ئالقىنى بىلەن ئوڭ قولىنى سىلىدى، يەنى قولىنىڭ دۇمبىسى ۋە يۈزىنى سىلىدى.
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tiếng Việt Hausa Português Kurdî Kiswahili සිංහල Svenska ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá پښتو অসমীয়া دری Кыргызча or Malagasy नेपाली Čeština Oromoo Română Nederlands Soomaali తెలుగు മലയാളം Lietuvių Српски ไทย Kinyarwanda Shqip ಕನ್ನಡ Wolof Українська Moore ქართული Magyarالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بېر قېتىم سەپەر جەريانىدا ئەممار بىن ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى بەزى ئېھيتىياجلار ئۈچۈن بىر يەرگە ئەۋەتتى، ئۇ كىشى كېچىدە جۇنابەت بولۇپ قالدى، يۇيۇنۇش ئۈچۈن سۇ تاپالماي قالدى. جۇنابەت ئۈچۈن تەيەممۇم قىلىشنىڭ ھۆكمىنى بىلمەيتتى، پەقەت كېچىك تاھارەت ئېلىشنىڭ ھۆكمىنى بىلەتتى. ئۇ كىشى ئۆز تېرىشچانلىقى بىلەن ئويلاپ تاھارەتتە يۇيىدىغان ئەزالارنىڭ بەزىسىگە توپا سۈركىدى، پۈتۈن بەدەننى سۇ بىلەن يۇيۇشقا ئاساسەن بەدىنىنى توپىغا مېلىش دەپ سۇغا قىياس قىلىپ توپىدە ئېشەك ئىغىنىغاندەك ئىغىنىدى، شۇنىڭدىن كېيىن نامازنى ئادا قىلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە ئۆزىنىڭ توغرا ياكى خاتا قىلغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن بولغان ئەھۋالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا سۆزلەپ بەردى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا كېچىك تاھارەتتىن ۋە جۇنابەتكە ئوخشاش چوڭ تاھارەتتىن قانداق پاكىزلىنىشنى بايان قىلىپ بەردى، ئۇ بولسىمۇ: ئىككى قولىنى توپىغا بىر قېتىم ئۇرۇپ ئاندىن سول قولى بىلەن ئوڭ قولىنى، ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنى ئىككى ئالقىنى بىلەن يۈزىنى سىلاشتۇر.فوائد الحديث
تەيەممۇم قىلىشتىن ئىلگىرى سۇ ئىزدەپ بېقىش زۈرۈر بولىدۇ.
جۇنابەت بولۇپ سۇ تاپالمىغان كىشى ئۈچۈن تەيەممۇم قىلىش يولغا قويۇلغان.
چوڭ تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن تەيەممۇم قىلىش كېچىك تاھارەت ئۈچۈن تەيەممۇم قىلىشقا ئوخشايدۇ.
التصنيفات
تەيەممۇم قىلىش