إعدادات العرض
ئىنساننىڭ جامائەت بىلەن ئادا قىلغان نامىزى ئۆيىدە، دۇكىنىدا ۋە بازاردا يالغۇز ئادا قىلغان نامىزىدىن يىگىرمە نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ
ئىنساننىڭ جامائەت بىلەن ئادا قىلغان نامىزى ئۆيىدە، دۇكىنىدا ۋە بازاردا يالغۇز ئادا قىلغان نامىزىدىن يىگىرمە نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنساننىڭ جامائەت بىلەن ئادا قىلغان نامىزى ئۆيىدە، دۇكىنىدا ۋە بازاردا يالغۇز ئادا قىلغان نامىزىدىن يىگىرمە نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ، ئۇنداق بولىشى: ئۇلاردىن بىرى تاھارەتنى مۇكەممەل ئېلىپ مەسچىتكە كېلىدۇ، ئۇ كىشى پەقەت جامائەت بىلەن ناماز ئادا قىلىشنىلا مەقسەت قىلىپ مەسچىتكە كېلىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ ھەر بىر قەدىمى ئۈچۈن بىر دەرىجە كۆتۈرلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىر خاتالىق ئۆچۈرلىدۇ، ھەتتا مەسچىتكە كېرگۈچە شۇنداق بولىدۇ. مەسچىتكە كىرىپ نامازنى كۈتۈپ ساقلاپ تۇرسا نامازدا تۇرغاندەك بولىدۇ. سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىنىڭ ناماز ئادا قىلغان ئورنىدا بىرسىگە ئەزىيەت يەتكۈزمەستىن ۋە تاھارىتى بۇزۇلماستىن تۇرغان مۇددەتتە، پەرىشتىلەر ئۈ كىشى ئۈچۈن :«ئى ئاللاھ! ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسىلا، ئۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلسىلا، ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلسىلا» دەپ دۇئا قىلىدۇ.
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Hausa Kurdî Português සිංහල Svenska ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Tiếng Việt Kiswahili پښتو অসমীয়া دری Кыргызча or Malagasy नेपाली Čeština Oromoo Română Nederlands తెలుగు മലയാളം ไทย Српски Kinyarwanda ಕನ್ನಡ Lietuvių Shqip Wolof Українська ქართული Moore Magyarالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بىرىدۇكى، مۇسۇلمان كىشى نامازنى جامائەت بىلەن ئادا قىلسا، ئۇ ناماز ئۇنىڭ ئۆيىدە، ياكى بازاردا، دۇكاندا يالغۇز ئادا قىلغان نامازدىن يىگىرمە نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ. ئاندىن بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلدى: بۇ تاھارەتنى مۇكەممەل، تولۇق ئالسا، ئاندىن پەقەت نامازنى مەقسەت قىلىپ مەسچىتكە چىقسا، ئۇ كىشىنىڭ باسقان ھەر بىر قەدىمى ئۈچۈن بىر دەرىجە كۆتۈرىلىدۇ، بىر خاتالىق ئۆچۈرىلىدۇ. مەسچىتكە كىرگەندە نامازنى كۈتۈپ ئولتۇرسا، ئۇ كىشى نامازنى كۈتۈپ ئولتۇرغاندا نامازدا تۇرغاننىڭ ئەجىر-ساۋابىغا ئېرىشىدۇ، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ناماز ئادا قىلغان ئورنىدا ئولتۇرغان مۇددەتتە پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا مۇنداق دۇئا قىلىدۇ: «ئى ئاللاھ! ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسىلا، ئۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلسىلا، ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلسىلا». بۇ شەرەپكە تاھارىتى بۇزۇلمىغان، ئىنسانلار ياكى پەرىشتىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلمىغان ھالەتتە ئېرىشەلەيدۇ.فوائد الحديث
ئىنساننىڭ ئۆيىدە، بازاردا يالغۇز ئادا قىلغان نامىزىمۇ توغرا بولىدۇ، لېكىن ئۇ كىشى ئۈزۈرسىز جامائەتنى تەرك قىلغانلىقى ئۈچۈن گۇناھكار بولىدۇ.
ئىنساننىڭ يالغۇز ئادا قىلغان نامىزىدىن جامائەت بىلەن بىرگە ئادا قىلغان نامىزى يىگىرمە بەش ياكى يىگىرمە ئالتە ياكى يىگىرمە يەتتە ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ.
مۇئمىنلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىشمۇ پەرىشتىلەرنىڭ ۋەزىپىسىدىندۇر.
تاھارەت بىلەن مەسچىتكە بېرىشنىڭ پەزىلىتى.