إعدادات العرض
1- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بىر ئادەم كېلىپ، ئى رەسۇلۇللاھ! مېنى مەسچىتكە يىتىلەپ ئەكىلىدىغان ئادەم يوق، دەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن نامازنى ئۆيىدە ئوقۇشقا رۇخسەت سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا رۇخسەت بەردى، ئۇ قايتىپ مىڭىشى ئۇنى چاقىرىپ، سەن ئەزاننى ئاڭلامسەن؟ دەپ سورىدى، ئۇ كىشى ھە-ئە دىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنداق بولسا چاقىرغان يەرگە كەلگىن، دېدى
2- مۇسۇلماننىڭ جامائەت بىلەن ئوقۇغان نامىزى ئۇ كىشىنىڭ بازاردا ياكى ئۆيىدە يالغۇز ئوقۇغان نامىزىدىن يىگىرمە نەچچە دەرىجە ئارتۇق بولىدۇ
3- كىمكى خام سامساق ياكى پىياز يېسە، بىزدىن يىراق تۇرسۇن ياكى مەسجىدىمىزدىن يىراق تۇرسۇن ۋە ئۆيىدە ئولتۇرسۇن
4- كىمكى ئەتىگىنى ياكى كەچلىرى مەسچىتكە كەلسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە جەننەتتە ئەتتىگەن ۋە كەچ ئۈچۈن رىزىقلارنى تەييارلاپ بېرىدۇ
5- كىشىنىڭ بىر ئادەم بىلەن ئوقۇغان نامىزىنىڭ ساۋابى، يالغۇز ئوقۇغاندىن ئارتۇق؛ ئۇنىڭ ئىككى ئادەم بىلەن ئوقۇغان نامىزىنىڭ پەزىلىتى، بىر ئادەم بىلەن ئوقۇغان نامازدىن ئارتۇقتۇر. ناماز قانچىكى كۆپ كىشى بىلەن ئادا قىلىنسا، ئاللاھ تائالاغا شۇنچە سۆيۈملۈك بولىدۇ
6- سىلەرنىڭ بىرىڭلاردىن ئايالى مەسچىتكە چىقىش ئۈچۈن ئىجازەت سورىسا ئۇنى توسمىسۇن، دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغاندا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ بالىسى بىلال: ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى ئاياللارنى مەسچىتكە چىقىشتىن توسىمىز، دېدى، ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچى دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر دەرھال بالىسىغا يوپۇرلۇپ كېلىپ مەن ئۆمرۈمدە ئاڭلاپ باقمىغان ئېغىر تىل-ھاقارەت بىلەن ئۇنى تىللاپ مۇنداق دېدى: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ توسىماسلىق توغرۇلۇق ھەدىسىنى بايان قىلىۋاتسام، سەن: ئاللاھ بىلەن قەسەم توسىمىز دەۋاتامسەن؟ دېدى
7- جامائەت بىلەن ئوقۇلغان نامازنىڭ پەزىلىتى يالغۇز ئوقۇغان نامازدىن يىگىرمە يەتتە ھەسسە ئارتۇق
8- ئى بەنى سەلەمە جەمەتىدىكىلەر! جايىڭلاردا تۇرىۋېرىڭلەر، باسقان ھەر بىر قەدىمىڭلارغا ئەجىر يېزىلىپ تۇرىدۇ
9- سىلەر ئۆيۈڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار! ئۆيىڭدىكىلەر بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈڭلار، ئۇلارغا دىنى ئىلىم ئۈگىتىڭلار، ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇڭلار، ناماز ۋاقتى بولغاندا، بىرىڭلار ئەزان توۋلاڭلار، ياش قورامى چوڭراقى سىلەرگە ئىمام بولسۇن