نامازغا ئەزان ئوقۇلسا ئاڭلامسەن؟دېدى، ئۇ كىشى: ھەئە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنداقتا مەسچىتكە كەلگىن دېدى

نامازغا ئەزان ئوقۇلسا ئاڭلامسەن؟دېدى، ئۇ كىشى: ھەئە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنداقتا مەسچىتكە كەلگىن دېدى

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا (كۆزى كۆرمەيدىغان) ئەما كىشى كېلىپ مۇنداق دېدى: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مېنى مەسچىتكە يېتىلەپ ئېلىپ كېلىدىغان كىشى يوق، قانداق قىلىمەن دەپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆيىدە ناماز ئادا قىلىشقا رۇخسەت قىلىشنى سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە رۇخسەت قىلدى، ئۇ كىشى كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى چاقىرىپ: « نامازغا ئەزان ئوقۇلسا ئاڭلامسەن؟دېدى، ئۇ كىشى: ھەئە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنداقتا مەسچىتكە كەلگىن دېدى».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا (كۆزى كۆرمەيدىغان) ئەما كىشى كېلىپ مۇنداق دېدى: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مېنىڭ يېنىمدا ماڭا ياردەم قىلىپ، بەش ۋاقىت نامازغا مېنى مەسچىتكە يېتىلەپ ئېلىپ كېلىدىغان كىشى يوق دەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن جامائەتنى تەرك قىلىپ نامازنى ئۆيىدە ئادا قىلىشقا رۇخسەت قىلىشنى سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە رۇخسەت قىلدى، ئۇ كىشى كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى چاقىرىپ:«نامازغا ئەزان ئوقۇلسا ئاڭلامسەن؟دېدى، ئۇ كىشى: ھەئە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنداقتا مەسچىتكە كېلىپ ناماز ئوقۇغىن دېدى».

فوائد الحديث

جامائەت بىلەن ناماز ئ‍وقۇش ۋاجىپتۇر. چۈنكى رۇخسەت دېگەن زۆرۈر بولغان ۋە ۋاجىپ بولغان ئىشلاردا بولىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «مەسچىتكە كەلگىن» دېگەن سۆزى، ئەزاننى ئاڭلىغان كىشىنىڭ نامازنى جامائەت بىلەن ئادا قىلىشىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى ئەسلىدە بۇيرۇق ۋاجىپلىقنى تەقەززا قىلىدۇ.

التصنيفات

جامائەت نامىزىنىڭ پەزىلىتى ۋە ھۆكۈملىرى