كىمكى ئەتىگىنى ياكى كەچلىرى مەسچىتكە كەلسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە جەننەتتە ئەتتىگەن ۋە كەچ ئۈچۈن رىزىقلارنى تەييارلاپ بېرىدۇ

كىمكى ئەتىگىنى ياكى كەچلىرى مەسچىتكە كەلسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە جەننەتتە ئەتتىگەن ۋە كەچ ئۈچۈن رىزىقلارنى تەييارلاپ بېرىدۇ

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئەتىگىنى ياكى كەچلىرى مەسچىتكە كەلسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە جەننەتتە ئەتتىگەن ۋە كەچ ئۈچۈن رىزىقلارنى تەييارلاپ بېرىدۇ»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

كىمكى ئەتتىگەندە ياكى كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن مەسچىتكە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ياكى ئىلىم ئۈگۈنۈش ئۈچۈن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ياخشىلىقنىڭ يوللىرىنى بىلىش ئۈچۈن كەلسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ئەمىلىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن ھەر قېتىم مەسچىتكە كەلگەن ۋاقتىدا ئۇ كىشىگە جەننەتتە زىياپەتلەرنى تەييارلاپ قويىدۇ

التصنيفات

جامائەت نامىزىنىڭ پەزىلىتى ۋە ھۆكۈملىرى