?كىمكى بىزنىڭ دىنىمىزدە يوق بولغان بىر ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ

?كىمكى بىزنىڭ دىنىمىزدە يوق بولغان بىر ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىزنىڭ دىنىمىزدە يوق بولغان بىر ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ». بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: «كىمكى بىزنىڭ دىنىمىزدا بولمىغان بىر ئىشنى قىلسا ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ»دەپ كەلگەن.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دىندا بولمىغان يىڭى بىر ئىشنى دىندا پەيدا قىلغان ياكى قۇرئان-ھەدىستىن دەلىل بولمىغان بىر ئىشنى دىندىن دەپ قىلغان كىشىنىڭ قىلمىشلىرى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى ۋە ئۆز ساھىبىغا قايتۇرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

فوائد الحديث

ئىبادەتنىڭ قۇرۇلمىسى كىتاپ-سۈننەتتە كەلگەن دەلىلگە كۆرە بولىدۇ، ئاللاھ تائالاغا بىدئەت، خۇراپات ۋە يېڭىدىن پەيدا قىلغان يول بويۇنچە ئىبادەت قىلمايمىز بەلكى شەرىئەت يولغا قويغان دەلىل بويۇنچە ئىبادەت قىلىمىز.

دىن دېگەن كۆز قاراش ۋە چىرايلىق كۆرۈش بىلەن بولمايدۇ، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش بىلەن بولىدۇ.

بۇ ھەدىس دىننىڭ مۇكەممەل بولغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.

بىدئەت دېگەن: ئەقىدە، سۆز-ھەرىكەتلەردىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلارنىڭ دەۋرىدە بولمىغان، كېيىن دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان بارلىق نەرسىلەردۇر.

بۇ ھەدىس ئىسلامنىڭ ئاساسىدىن بىر ئاساستۇر، بۇ ئەمەللەر ئۈچۈن ئۆلچەمگە ئوخشاشتۇر، ھەرقانداق ئەمەل بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقى مەقسەت قىلىنمىسا ئۇنى قىلغان كىشىگە ئەجىر-ساۋاپ بېرىلمەيدۇ. ھەر قانداق ئىش-ھەرىكەت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىگە مۇۋاپىق بولمايدىكەن ئۇ ئىش قىلغۇچىنىڭ ئۆزىگە قايتۇرىلىدۇ.

يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلار؛ دىنى ئىبادەتلەردىن بولسا چەكلىنىدۇ ئەمما دۇنيا ئىشلىرىدىن بولسا چەكلەنمەيدۇ.

التصنيفات

بىدئەت, بىدئەت