إعدادات العرض
ھەقىقەتەن ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئەڭ ئۆچ كۆرۈلىدىغىنى ھەقسىز جىدەل قىلغۇچىدۇر
ھەقىقەتەن ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئەڭ ئۆچ كۆرۈلىدىغىنى ھەقسىز جىدەل قىلغۇچىدۇر
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئەڭ ئۆچ كۆرۈلىدىغىنى ھەقسىز جىدەل قىلغۇچىدۇر».
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Kurdî Hausa Português മലയാളം తెలుగు Kiswahili தமிழ் မြန်မာ Deutsch 日本語 پښتو Tiếng Việt অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands සිංහල ไทย دری Fulfulde Magyar ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių or Română Kinyarwanda Српски O‘zbek Moore नेपाली Oromoo Wolof Soomaali Български Українська Azərbaycan ქართული тоҷикӣ Македонски bm Malagasy yaoالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ كىشىلەردىن ھەققە بويسۇنمايدىغان، جىدەلخورلىقى بىلەن ھەقنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئورۇنسىز كۆپ جىدەل قىلىدىغانلارنى ياكى دەۋاسى ھەق بولسىمۇ لېكىن مۇبالىغە قىلىپ چېكىدىن ئاشۇرىۋىتىدىغان، ئىلىمسىز مۇنازىرە قىلىدىغانلارنى يامان كۆرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.فوائد الحديث
زۇلۇم قىلىنغۇچىنىڭ زالىمدىن ھەققىنى شەرئى يول بىلەن تەلەپ قىلىشى ياقتۇرۇلمايدىغان دەۋالارنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ.
جېدەل ۋە دەۋالىشىش تىلنىڭ ئاپىتى بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىر-بىرىنى ئۆچ كۆرۈش ۋە بۆلۈنۈشكە ئىلىپ بارىدۇ.
ھەق بولغان ۋە ئۇسلۇبى گۈزەل بولغان دەۋالار مەدھىيەلەنسە، ھەقنى رەت قىلىدىغان، باتىلنى ئىسپاتلايدىغان ياكى دەلىل ئىسپاتسىز دەۋالار ياقتۇرۇلمايدۇ.