ئى ئاللاھ بارلىق ئىشلىرىمنىڭ تۇتقىسى بولغان دىنىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، ياشاش ئاساسىم بولغان دۇنيارىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، قايتىدىغان جايىم بولغان ئاخىرىتىمنى…

ئى ئاللاھ بارلىق ئىشلىرىمنىڭ تۇتقىسى بولغان دىنىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، ياشاش ئاساسىم بولغان دۇنيارىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، قايتىدىغان جايىم بولغان ئاخىرىتىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، بارلىق ياخشىلىقتا ماڭا ھاياتلىقنى زىيادە قىلىپ بەرگىن، بارلىق يامانلىقتىن ماڭا ئۆلۈمنى راھەت قىلىپ بەرگىن

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «ئى ئاللاھ مېنىڭ بارلىق ئىشلىرىمنىڭ تۇتقۇسى بولغان دىنىمنى ياخشى قىلغىن، مېنىڭ ياشاش ئاساسىم بولغان دۇنيارىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، قايتىدىغان جايىم بولغان ئاخىرىتىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، بارلىق ياخشىلىقتا ماڭا ھاياتلىقنى زىيادە قىلىپ بەرگىن، بارلىق يامانلىقتىن ماڭا ئۆلۈمنى راھەت قىلىپ بەرگىن»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ھەدىسنىڭ مەنىسى: بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئالىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ دۇئا؛ دۇنيا-ئاخىرەت ياخشىلىقىنى سوراشنى تەلەپ قىلىش، ئۆلۈمنى ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيانىڭ يامانلىقىدىن، قەبىرە ئازابىنىڭ شەررىدىن ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋە كىيىنكى بارلىق يامانلىقلاردىن قۇتۇلىدىغان قىلىشنى، ھاياتىنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىشنى، ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرمەيدىغان ۋە ئۆچ كۆرۈدىغان ئىشلاردىن يېراق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇئادۇر

التصنيفات

ھەدىستە بايان قىلىنغان دۇئالار