إعدادات العرض
ئى ئاللاھ، دىنىم ۋە دۇنيالىقىمدا، ئائىلەم ۋە مال-مۈلكۈمدە سالامەتلىك تىلەيمەن، نوقسانلىرىمنى ياپقىن، قورقۇنچلىرىمدىن خاتىرجەم قىلغىن، مېنى ئالدى-ئارقامدىن،…
ئى ئاللاھ، دىنىم ۋە دۇنيالىقىمدا، ئائىلەم ۋە مال-مۈلكۈمدە سالامەتلىك تىلەيمەن، نوقسانلىرىمنى ياپقىن، قورقۇنچلىرىمدىن خاتىرجەم قىلغىن، مېنى ئالدى-ئارقامدىن، ئوڭ-سول تەرىپىمدىن ۋە ئۈستۈمدىن قوغدىغىن، بۈيۈكلۈكۈڭ بىلەن ماڭا ئاستى تەرىپىمدىن سۈيقەست قىلىنىشتىن پاناھ تىلەيمەن
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ئەتىگەن ۋە كەچتە بۇ دۇئانى ئوقۇماي قالمايتتى: ئى ئاللاھ، دىنىم ۋە دۇنيالىقىمدا، ئائىلەم ۋە مال-مۈلكۈمدە سالامەتلىك تىلەيمەن، نوقسانلىرىمنى ياپقىن، قورقۇنچلىرىمدىن خاتىرجەم قىلغىن، مېنى ئالدى-ئارقامدىن، ئوڭ-سول تەرىپىمدىن ۋە ئۈستۈمدىن قوغدىغىن، بۈيۈكلۈكۈڭ بىلەن ماڭا ئاستى تەرىپىمدىن سۈيقەست قىلىنىشتىن پاناھ تىلەيمەن
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھاكىم "مۇستەدرەك"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Bahasa Indonesia Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Français සිංහල Hausa Kurdî Português Русский Nederlands অসমীয়া Tiếng Việt Kiswahili ગુજરાતી پښتو አማርኛ ไทย Oromoo Română മലയാളം Deutsch नेपाली Кыргызчаالشرح
رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ھەر ئەتىگەن-كەچتە بۇ دۇئانى ئوقۇشقا ھىرىسمەن بولۇپ، مەنىلىرى بۈيۈك بولغانلىقتىن ئۇنى ھەرگىز تاشلىمىغان. دۇئادا ئاللاھدىن «دىنىمدا سالامەتلىك» سورىغانلىقىدىن دىنىدا گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن، خاتالىقلاردىن ۋە بىدئەتلەردىن ساقلاش مەقسەت قىلىنغان. «دۇنيالىقىمدا، ئائىلەمدە ۋە مال-مۈلكۈمدە» يەنى: دۇنيالىقىمدا مۇسىبەتلەر ۋە يامانلىقلاردىن سالامەتلىك تىلەيمەن. ئائىلەمگە يامان مۇئامىلەدە بولۇشتىن، كېسەللەر يېتىپ قېلىشتىن ۋە ئۇلارنىڭ باياشاتلىق ئىزدەپ پۈچەك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشىدىن مال-مۈلكۈمگە ھارام، شۈبھىلىك ئىشلاردىن، ئاپەتلەردىن سالامەتلىك تىلەيمەن. «نوقسانلىرىمنى ياپقىن، قورقۇنچلىرىمدىن خاتىرجەم قىلغىن» يەنى: ھايا قىلىنىشقا تىگىشلىك ھەر بىر گۇناھ ۋە ئەيىپلەر كۆرۈنسە ياپقىن ۋە مېنى قورقىتىدىغان خەۋىپتىن خاتىرجەم ۋە سالامەت قىلغىن. «مېنى ئالدى-ئارقامدىن، ئوڭ-سول تەرىپىمدىن ۋە ئۈستۈمدىن قوغدىغىن» يەنى: ماڭا ھەر قانداق ئورۇندىن يامانلىق يەتمەسلىكى ئۈچۈن ئالتە تەرەپتىن كېلىدىغان بالانى مەندىن توسقىن. «بۈيۈكلۈكۈڭ بىلەن ئاستى تەرىپىمدىن سۈيقەست قىلىنىشتىن پاناھ تىلەيمەن» يەنى: بۈيۈكلۈكۈڭ بىلەن ئاستى تەرىپىمدىن مەخپى سۈيقەسىت قىلىنىشىمدىن پاناھ تىلەيمەنالتصنيفات
ھەدىستە بايان قىلىنغان دۇئالار