بەندە ھەر كۈنى ئەتتىگەن ۋە كەچتە: "نامىنى تىلغا ئېلىش بىلەن زېمىندا ۋە ئاسماندا ھېچ شەيئى زىيان يەتكۈزۈلمەيدىغان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئۇ ھەممىنى…

بەندە ھەر كۈنى ئەتتىگەن ۋە كەچتە: "نامىنى تىلغا ئېلىش بىلەن زېمىندا ۋە ئاسماندا ھېچ شەيئى زىيان يەتكۈزۈلمەيدىغان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئۇ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر"،- دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم دېسە، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە زېيان يەتكۈزەلمەيدۇ

ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «بەندە ھەر كۈنى ئەتتىگەن ۋە كەچتە: "نامىنى تىلغا ئېلىش بىلەن زېمىن ۋە ئاسماندا ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزمەيدىغان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئۇ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر"،- دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم دېسە، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە زېيان يەتكۈزەلمەيدۇ»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

«بەندە ھەر كۈنى ئەتتىگەن ۋە كەچتە» يەنى: تاڭ يورىغاندىن ۋە كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن. ئەھمەدنىڭ رىۋايىتىدە: «كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلىدە ياكى كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە» دەپ كەلگەن. «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن» يەنى: ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇلۇغلاپ ۋە بەرىكەت ئۈمىد قىلىپ تىلغا ئالىمەن. «نامىنى تىلغا ئېلىش بىلەن زېمىندا ۋە ئاسماندا ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان» يەنى: ئۇنىڭ ئىسمىنى توغرا ئېتىقاد ۋە خالىس نىيەت بىلەن تىلغا ئالسا ئۇ كىشىگە زېمىندىكى ۋە ئاسماندىن چۈشكەن بالا-مۇسىبەتلەر زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئۇ بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئەھۋالىمىزنى بىلپ تۇرغۇچىدۇر. بۇ ھەدىس: بۇ سۆزلەرنىڭ دېگۈچىنى ھەر قانداق زىياندىن مۇداپىئە قىلىدىغانلىقىغا دەلىلدۇر

التصنيفات

ئەتتىگەنلىك ۋە كەچلىك زىكىرلەر