ئىنسان ئۆز ئەھلىگە خەير-ئېھسان قىلىپ ئۇنىڭدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلسا بۇ ئۇ كىشى ئۈچۈن سەدىقە بولىدۇ

ئىنسان ئۆز ئەھلىگە خەير-ئېھسان قىلىپ ئۇنىڭدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلسا بۇ ئۇ كىشى ئۈچۈن سەدىقە بولىدۇ

ئەبى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان ئۆز ئەھلىگە خەير-ئېھسان قىلىپ ئۇنىڭدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلسا بۇ ئۇ كىشى ئۈچۈن سەدىقە بولىدۇ.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بېرىپ: ئەر كىشى ئائىلىسىگە ۋە ئۆزى نەپىقە قىلىش كېرەك بولغان كىشىلەرگە يەنى ئايالى، ئاتا-ئانىسى، بالىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ غەيرىدىكى كىشىلەرگە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنى ۋە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىپ نەپىقە قىلسا ئۇ كىشىگە سەدىقە قىلغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى بولىدۇ.

فوائد الحديث

ئائىلىسىگە نەپىقە قىلىش بىلەنمۇ ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

مۆمىن ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلىدە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ئەجىر-ساۋاپلارنى تەلەپ قىلىدۇ.

ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلغاندا نىيەتنى توغرىلاش كېرەك، ھەتتا ئائىلىسىگە نەپىقە قىلغاندىمۇ شۇنداق قىلىش كېرەك.

التصنيفات

خىراجەت قىلىپ بېرىش