إعدادات العرض
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە ھەدىس سۆزلەپ بەردى، ھالبۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام راست سۆزلۈگۈچى ۋە سۆزى تەستىقلانغۇچىدۇر:«ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ…
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە ھەدىس سۆزلەپ بەردى، ھالبۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام راست سۆزلۈگۈچى ۋە سۆزى تەستىقلانغۇچىدۇر:«ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يارىتىلىشى، ئانىسىنىڭ قورسىقىدا قېرىق كېچە-كۈندۈز
ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە ھەدىس سۆزلەپ بەردى، ھالبۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام راست سۆزلۈگۈچى ۋە سۆزى تەستىقلانغۇچىدۇر:«ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يارىتىلىشى، ئانىسىنىڭ قورسىقىدا قېرىق كېچە-كۈندۈز مەنىيلىك ھالەتتە بولىدۇ، ئاندىن شۇنىڭغا ئوخشاش مۇددەتتە ئۇيۇل قان ھالىتىدە بولىدۇ، ئاندىن شۇنىڭغا ئوخشاش مۇددەتتە چاينالغان گۆشتەك ھالەتتە بولىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا بىر پەرىشتە ئەۋەتىلىدۇ، تۆت تۈرلۈك ئىشنى يېزىشقا بۇيرىلىدۇ، ئۇ تۆرەلمىنىڭ رىزقى، ئەجەلى، ئەمەلى، بەختلىك ياكى بەختسىز بولىشى يېزىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا روھ پۈدىلىنىدۇ، ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئەلۋەتتە جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ ھەتتا ئۇ كىشى بىلەن جەننەتنىڭ ئارىسىدا پەقەت بىر غۇلاچ ئارىلىق قالغاندا، ئۇ كىشىگە تەقدىردە يېزىلغان كىتاپ ئىلگىرى بولۇپ، دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىپ شۇنىڭ بىلەن دوزاخقا كېرىپ كېتىدۇ، ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئەلۋەتتە دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ ھەتتا ئۇ كىشى بىلەن دوزاخنىڭ ئارىسىدا پەقەت بىر غۇلاچ ئارىلىق قالغاندا، ئۇ كىشىگە تەقدىردە يېزىلغان كىتاپ ئىلگىرى بولۇپ، جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىپ شۇنىڭ بىلەن جەننەتكە كېرىپ كېتىدۇ».
الترجمة
العربية English မြန်မာ Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands اردو Español Bahasa Indonesia বাংলা Türkçe Bosanski සිංහල हिन्दी Tiếng Việt Hausa മലയാളം తెలుగు Kiswahili ไทย پښتو অসমীয়া Shqip دری Ελληνικά Български Fulfulde Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių Malagasy Română Kinyarwanda Српски тоҷикӣ O‘zbek नेपाली Moore Kurdî Wolof Oromoo Soomaali Français Azərbaycan Tagalog Українська தமிழ் bm Deutsch ქართული Português Македонски Magyar فارسی Русский 中文 yaoالشرح
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىزگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىس سۆزلەپ بەردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆزدە راستچىل ۋە سۆزىنى ئاللاھ تەستىقلىغانلىقى ئۈچۈن تەستىقلانغۇچىدۇر. سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يارىتىلىشى جۇغلىنىدۇ، ئۇنداق بولىشى: ئەر كىشى ئايالى بىلەن بىرگە بولغاندا ئىككەيلەننىڭ ئايرىم بولغان مەنىيلىرى ئايالنىڭ رەھمىدە قىرىق كۈن ئىسپىرما ھالىتىدە جۇغلىنىدۇ. ئاندىن يەنە قىرىق كۈندە ئۇ مەنىي ئىسپىرمىسى ئۇيۇل قانغا ئۆزگىرىدۇ. ئاندىن يەنە قىرىق كۈندە ئۇ ئۇيۇل قان چاينالغان بىر چېشلەم گۆشكە ئۆزگىرىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇ چاينالغان گۆشكە بىر پەرىشتىنى ئەۋەتىدۇ، پەرىشتە ئۈچىنچى قېتىملىق قىرىق كۈن ئاخىرلاشقاندا ئۇنىڭغا روھنى پۈدەيدۇ. پەرىشتە ئۇنىڭغا تۆت تۈرلۈك ئىشنى يېزىشقا بۇيرۇلىدۇ، يەيدىغان رىزقى، ئۇ بولسىمۇ؛ دۇنيادا ياشىغان مۇددەتتە ئېرىشىدىغان نېئمەتنىڭ مىقدارىدۇر. ياشايدىغان مۇددىتى يەنى ئەجىلى، ئۇ كىشىنىڭ دۇنيادا ياشايدىغان مۇددىتى. ئەمىلى، نېمە ئىش قىلىدۇ؟ بەخىتسىزمۇ ياكى بەختلىكمۇ؟. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەسەم قىلىپ تۇرۇپ: بىر كىشى ئەلۋەتتە جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ئىشى كىشىگە ياخشى ئىشتەك كۆرىنىدۇ، ئۇ كىشى ئىشىنى شۇ بويىنچە داۋاملاشتۇرىدۇ ھەتتا ئۇ كىشى بىلەن جەننەتكە يېتىشنىڭ ئارىسى پەقەت يېقىن قالغاندا، زېمىندىن ھېسابلىغاندا بىر غۇلاچ قالغاندا ئۇ كىشىگە ئىلگىرى يېزىلغان ۋە تەقدىر قىلىنغان نامە ئەمىلى غالىپ كېلىدۇ، شۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشى دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ ئۇنىڭ بىلەن ئەمىلى ئاخىرلىشىپ دوزاخقا كېرىدۇ. چۈنكى ئەمەلنىڭ قوبۇل بولىشىنىڭ شەرتى: شۇ ئىشنىڭ ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇش ئۆزگەرتىۋەتمەسلىكدۇر، كىشىلەردىن يەنە بىرى دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ ھەتتا دوزاخقا كېرىشكە يېقىنلاشقاندا، گوياكى ئۇ كىشى بىلەن دوزاخنىڭ ئارىسى بىر غۇلاچتەك قالغاندا، ئۇ كىشىگە ئىلگىرى يېزىلغان ۋە تەقدىر قىلىنغان نامە ئەمىلى غالىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىپ جەننەتكە كېرىدۇ.فوائد الحديث
ئىشلارنىڭ ئاقىۋېتى ئىلگىرى پۈتۈلگەن تەقدىر بويىنچە ئىجرا بولىدۇ.
قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ كۆرۈنۈشىدىن مەغرۇرلىنىپ قالماسلىق كېرەك، چۈنكى ئىشلار تۈگەنچىسى بىلەن بولىدۇ.