ئۇلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەھدە نامازدۇر، نامازنى تەرك قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ

ئۇلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەھدە نامازدۇر، نامازنى تەرك قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ

بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۇلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەھدە نامازدۇر، نامازنى تەرك قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ».

[تېكىست توغرا] [تىرمىزى، نىسائى، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان]

الشرح

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمان بىلەن ئۇلارنىڭ غەيرىدىكى كاپىر، مۇناپىقلار ئارىسىدىكى ئەھدىنىڭ ناماز ئىكەنلىكى، نامازنى تەرك قىلغان كىشىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.

فوائد الحديث

دىندا نامازنىڭ ئورنى ئۇلۇغدۇر. ناماز مۇئ‍مىن بىلەن كاپىر ئارىسىنى ئايرىغىچىدۇر.

ئىسلامى ھۆكۈملەر كىشىلەرنىڭ كۆرۈنىشىگە قارىتا ئىسپاتلىنىدۇ، باتىنى ئاللاھقا تاپشۇرىلىدۇ.

التصنيفات

ئىسلامنى بۇزىدىغان ئامىللار, كۇپۇرلۇق, نامازنىڭ پەرىزى ۋە ئۇنى تەرك قىلىشنىڭ ھۆكمى