جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرسە بىر چاقىرغۇچى: سىلەر ھايات ياشايسىلەر، مەڭگۈ ئۆلمەيسىلەر، سالامەت بولىسىلەر، مەڭگۈ كېسەل بولمايسىلەر، ياش تۇرىسىلەر مەڭگۈ…

جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرسە بىر چاقىرغۇچى: سىلەر ھايات ياشايسىلەر، مەڭگۈ ئۆلمەيسىلەر، سالامەت بولىسىلەر، مەڭگۈ كېسەل بولمايسىلەر، ياش تۇرىسىلەر مەڭگۈ قېرىمايسىلەر، نېمەتلىنىپ تۇرىسىلەر، مەڭگۈ يامان ئەھۋالغا قالمايسىلەر، دەپ نىدا قىلىدۇ

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى ۋە ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرسە بىر چاقىرغۇچى: سىلەر ھايات ياشايسىلەر، مەڭگۈ ئۆلمەيسىلەر، سالامەت بولىسىلەر، مەڭگۈ كېسەل بولمايسىلەر، ياش تۇرىسىلەر مەڭگۈ قېرىمايسىلەر، نېمەتلىنىپ تۇرىسىلەر، مەڭگۈ يامان ئەھۋالغا قالمايسىلەر، دەپ نىدا قىلىدۇ»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جەننەتنىڭ نېمەتلىرىدىن خەۋەر بېرىپ: جەننەت ئەھلى جەننەتكە كېرگەندە، بىر چاقىرغۇچى: سىلەر ھايات ياشايسىلەر، مەڭگۈ ئۆلمەيسىلەر، سالامەت بولىسىلەر، مەڭگۈ كېسەل بولمايسىلەر دەپ چاقىرىدۇ. يەنى ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ نېمەتتە بولىدۇ. ئۇلار ئۆلۈمدىن، كېسەللىكتىن، ئاجىزلىققا ئېلىپ بارىدىغان ياشىنىپ قىلىشتىن، ئۆزلىرىگە كېلىۋاتقان نېمەتلەرنىڭ ئۈزۈلۈپ قىلىشىدىن ئەنسىرىمەيدۇ. بۇ ھەدىس ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان باشقا ھەدىسلەر، كىشىلەرنى جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ

التصنيفات

جەننەت ۋە دوزاخنىڭ سۈپەتلىرى