إعدادات العرض
دوزاخ ئەھلىدىن ئىككى تۈرلۈك كىشىلەر بولۇپ مەن ئۇلارنى كۆرمىدىم، بىر جامائەت بولۇپ ئۇلارنىڭ قولىدا كالىنىڭ قۇيرىقىدەك يوغان قامچىلار بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى…
دوزاخ ئەھلىدىن ئىككى تۈرلۈك كىشىلەر بولۇپ مەن ئۇلارنى كۆرمىدىم، بىر جامائەت بولۇپ ئۇلارنىڭ قولىدا كالىنىڭ قۇيرىقىدەك يوغان قامچىلار بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى ئۇرىدۇ، كىيم كەيگۈچى يالىڭاچ ئاياللار ئەرلەرنى ئۆزىگە قارىتىدىغان، تۈز ماڭماي تولغىشىپ ماڭىدىغان
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دوزاخ ئەھلىدىن ئىككى تۈرلۈك كىشىلەر بولۇپ مەن ئۇلارنى كۆرمىدىم، بىر جامائەت بولۇپ ئۇلارنىڭ قولىدا كالىنىڭ قۇيرىقىدەك يوغان قامچىلار بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى ئۇرىدۇ، كىيم كەيگۈچى يالىڭاچ ئاياللار ئەرلەرنى ئۆزىگە قارىتىدىغان، تۈز ماڭماي تولغىشىپ ماڭىدىغان، باشلىرىنى تۆگىنىڭ لوكىسىدەك قىلىۋالغان ئاياللار جەننەتكە كېرەلمەيدۇ، جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ، گەرچە جەننەتنىڭ ھېدى خىلى يىراق ئارىلىقتىن تىپىلسىمۇ ئۇلار جەننەتكە كېرەلمەيدۇ.
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Hausa Kurdî Português සිංහල Svenska ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Tiếng Việt Kiswahili پښتو অসমীয়া دری Кыргызча Malagasy or Čeština नेपाली Oromoo Română Nederlands Soomaali తెలుగు ไทย Српски മലയാളം Kinyarwanda ಕನ್ನಡ Lietuvių Wolof Magyar ქართული Moore Українськаالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزى كۆرۈپ باقمىغان، ئۇ دەۋرىدە بولمىغان، بەلكى ئاخىر زاماندا مەيدانغا كېلىدىغان دوزاخ ئەھلىدىن بولغان ئىككى تۈرلۈك ئىنسانلاردىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. بىرىنچى تۈردىكى كىشىلەر: كالىنىڭ قۇيرىقىدەك ئۇزۇن ئارغامچىلار بىلەن كىشىلەرنى ئۇرىۋاتقان كىشىلەر، ئۇلار ساقچىلار ياكى ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرى، ئۇلار زالىمغا ياردەم بېرىپ كىشىلەرنى ئورۇنسىز ئۇرىدۇ. ئىككىنچى تۈردىكى كىشىلەر: ئادەتتە ئاياللارنىڭ تەبىئىتىدە بولىدىغان ھايا ۋە ئىپپەت كىيىمىدىن خالى بولغان ئاياللار. ئۇلارنىڭ سۈپىتى: ئۇلار ھەقىقەتتە كىيىم كەيگەن بولسىمۇ ئەمما مەنادا يالىڭاچ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادىلەيدىغان، بەدىنىنىڭ بەزىسىنى ئوراپ يەنە بەزى جايلىرىنى ئوچۇق قويىدىغان كىيىملەرنى كىيىدۇ. ئەرلەرنىڭ دىللىرىنى ئۆزىگە مايىل قىلىش ئۈچۈن نىپىز كىيىملەرنى كېيىپ، نايناقلاپ، تولغىشىپ مېڭىپ، باشقىلارنى بۇزۇشقا، توغرا يولدىن بۇراشقا ۋە ئازغۇنلۇققا سۆرەپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن: ئۇلارنىڭ بېشى يوغانلىقىدىن تۆگىنىڭ ئىغاڭشىپ تۇرغان لوكىسىغا ئوخشايدۇ، ئۇلار باشلىرىغا قوش ياقلىقلارنى ئوراش ياكى بەزى بىر نەرسىلەرنى قويۇپ بېشىنىڭ ھەجىمىنى ياكى چېچىنى چوڭ كۆرسىتىشكە ئۇرىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بېشىنى تۆگىنىڭ لوكىسىغا ئوخشىتىش بولسا، ئۆرىگەن چاچلىرىنى بېشىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ چېچىنى ئۈستۈن قىلىۋالغانلىقى، ئۆرىگەن بەزى چاچلىرىنى بېشىنىڭ ئەتراپىغا قويۇپ بېرىپ خۇددى تۆگىنىڭ لوكىسى ئىككى تەرەپكە مايىل بولغاندەك قىلىشىدۇر. ئاياللارنىڭ قايسىسىدا بۇ سۈپەتلەر تىپىلىدىكەن، ئۇلار جەننەتكە كېرەلمەسلىك-گەرچە جەننەتنىڭ پۇرىقى بەك يىراق مۇساپىدىن تىپىلىدىغان ۋە ھېدى كىلىدىغان بولسىمۇ- جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالماسلىق ۋە جەننەتكە يېقىنلىشالماسلىقتەك قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.فوائد الحديث
ھېچ قانداق گۇناھى بولمىغان ۋە خاتالىق سادىر قىلمىغان كىشىلەرنى ئۇرۇش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش ھارامدۇر.
زالىملارنىڭ زۇلۇم قىلىشىغا ياردەم بېرىش ھارام بولىدۇ.
ئاياللارنى يېرىم-يالىڭاچ كېيىنىشتىن، ئەۋرەتلىرى ۋە بەدەن شەكىللىرى ئېنىق نامايەندە بولىدىغان تار ۋە نىپىز كېيىم كىيىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش.
مۇسۇلمان ئاياللارنى ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى لازىم تۇتۇش، دىندا چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، چۈنكى ئاللاھنىڭ غەزىۋىگە ئۇچرىغان كىشى ئاخىرەتتە دائىملىق ئازاپقا لايىق بولىدۇ.
بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىك ھەدىسلىرىدىن بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇ ۋاقىتتا يۈز بەرمىگەن، ئاخىر زاماندا يۈز بېرىدىغان غەيبى ئىشلاردىن خەۋەر بەرگەن.
التصنيفات
جەننەت ۋە دوزاخنىڭ سۈپەتلىرى