إعدادات العرض
ھەر قانداق بالاغەتكە يەتكەن كىشىنىڭ ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن جۈمە كۈنىدە يۇيۇنۇشى، مېسۋاك قىلىشى ۋە ئەگەر تاپالىسا خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشى ۋاجىپ بولىدۇ
ھەر قانداق بالاغەتكە يەتكەن كىشىنىڭ ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن جۈمە كۈنىدە يۇيۇنۇشى، مېسۋاك قىلىشى ۋە ئەگەر تاپالىسا خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشى ۋاجىپ بولىدۇ
ئەمىر بىن سۇلەيىم ئەنسارى مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەبۇ سەئىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن، ئەبۇ سەئىيد: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن: «ھەر قانداق بالاغەتكە يەتكەن كىشىنىڭ ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن جۈمە كۈنىدە يۇيۇنۇشى، مېسۋاك قىلىشى ۋە ئەگەر تاپالىسا خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشى ۋاجىپ بولىدۇ».
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Kurdî Português සිංහල Svenska ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Tiếng Việt Hausa Kiswahili پښتو অসমীয়া دری Malagasy or Čeština नेपाली Oromoo Română Nederlands Soomaali తెలుగు ไทย മലയാളം Кыргызча Српски Kinyarwanda ಕನ್ನಡ Lietuvių Wolof Magyar ქართული Moore Українськаالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۈمە كۈنىدە جۈمە نامىزى ۋاجىپ بولغان مۇسۇلمانلاردىن بالاغەتكە يەتكەنلەرنىڭ يۇيۇنىشىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. مىسۋاك ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن چېشىنى تازىلايدۇ. خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىدۇ.فوائد الحديث
بالاغەتكە يەتكەن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ جۈمە كۈنىدە يۇيۇنىشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
پاكىزلىنىش، ياقتۇرۇلمايدىغان پۇراقلارنى يوق قىلىش مۇسۇلمان ئۈچۈن شەرئى تەلەپتۇر.
جۈمە كۈنىنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇ كۈنگە تەييارلىق قىلىش.
جۈمە ئۈچۈن مىسۋاك ئىشلىتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش.
جۈمەگە بېرىشتىن بۇرۇن ھەرقانداق خۇشبۇي نەرسە بولسا ئىشلىتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
ئايال ئۆيىدىن ناماز ياكى باشقا ئىشلىرى ئۈچۈن سىرتقا چىققان ۋاقتىدا خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى سۈننەت بۇنداق قىلىشنىڭ ھاراملىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
بالاغەتكە يەتكەنلىك قىزلارغا بولسۇن ياكى ئوغۇللارغا بولسۇن مۇنداق ئۈچ ئىشنىڭ بىرى بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ: بىرىنچى: ئون بەش ياشنى تولۇقلاش. ئىككىنچى: ئەۋرەتلىرىنىڭ ئەتراپىغا تۈك ئۈنۈش . ئۈچىنچى: ئېھتىلام بولسۇن ياكى بولمىسۇن شەھۋەت بىلەن مەنىي چىقىش، ئەمما تۆتىنچى ئالامەت بولسا: قىزلارنىڭ ئادەت كۆرۈشىدىن ئىبارەتتۇر، قىز بالا ھەيز كۆرسە بالاغەتكە يەتكەن بولىدۇ.
التصنيفات
جۈمە نامىزىغا ئالاقىدار ھۆكۈملەر