إعدادات العرض
مەن سىلەرگە جەننەت ئەھلىدىن خەۋەر بېرەيمۇ؟ دەپ ئۇلار: ئاجىز، باشقىلارنىڭ نەزىرى ئانچە چۈشمەيدىغان كىشىلەردۇر، ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا قەسەم قىلسا ئاللاھ ئۇلارنىڭ…
مەن سىلەرگە جەننەت ئەھلىدىن خەۋەر بېرەيمۇ؟ دەپ ئۇلار: ئاجىز، باشقىلارنىڭ نەزىرى ئانچە چۈشمەيدىغان كىشىلەردۇر، ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا قەسەم قىلسا ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەسىمىنى ئورۇنلاپ بېرىدۇ. مەن سىلەرگە دوزاخ ئەھلىدىن خەۋەر بېرەيمۇ؟ دەپ ئۇلار: قوپال، ئېچى تار، تەكەببۇر كىشىلەردۇر
ھارىس ئىبنى ۋەھەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەرگە جەننەت ئەھلىدىن خەۋەر بېرەيمۇ؟ دەپ ئۇلار: ئاجىز، باشقىلارنىڭ نەزىرى ئانچە چۈشمەيدىغان كىشىلەردۇر، ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا قەسەم قىلسا ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەسىمىنى ئورۇنلاپ بېرىدۇ. مەن سىلەرگە دوزاخ ئەھلىدىن خەۋەر بېرەيمۇ؟ دەپ ئۇلار: قوپال، ئېچى تار، تەكەببۇر كىشىلەردۇر »
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tagalog Hausa Kurdî Kiswahili Português සිංහල Русский Nederlands Tiếng Việt অসমীয়া ગુજરાતી አማርኛ پښتو ไทย മലയാളം नेपालीالشرح
ئەھلى جەننىتىنىڭ بەزى سۈپەتلىرى: ئاجىز ۋە باشقىلار تەرىپىدىن بۆزەك قىلىنغۇچى، ئورۇن، مەرتىۋىسىگە پەرۋا قىلمايدىغان، دۇنيادا ئۈستۈنلۈك قازىنىشقا ھەرىكەت قىلمايدىغان، لېكىن ئۆزى ئاجىز ۋە باشقىلار تەرىپىدىن بوزەك ئېتىلگۈچى كىشى بولۇپ، ئەگەر بىرەر ئىش ئۈچۈن قەسەم قىلسا، ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ شۇ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، ھەتتا ئۇ كىشىنىڭ قەسەم قىلغان ئىشىنى روياپقا چىقىرىپ بېرىدۇ. ئەمما دوزاخ ئەھلىنىڭ سۈپەتلىرى بولسا: ئۇلار قوپال، كىشىلەرگە جاپا سالىدىغان، ئېچى قوتۇر، ھەقىقەتكە بويسۇنمايدىغان، پۈتۈن ئەقلى ماددى نەرسىلەرگە مەركەزلەشكەن، ئۆزىگە پەرز بولغان زاكاتنىمۇ ئادا قىلمايدىغان، تەكەببۇرلۇق قىلىپ ھەقنى رەت قىلىدىغان، ئۆزىنى كىشىلەردىن ئۈستۈن تۇتىدىغان كىشىلەردىن ئىبارەت، ئەھلى جەننىتى بىلەن ئەھلى دوزىخىنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ ھەممىسى پەقەت بۇ ھەدىستە بايان قىلىنغانلىرىلا ئەمەس بەلكى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇ يەردە ئىككى پىرقىنىڭ بەزى سۈپەتلىرى بايان قىلىندىالتصنيفات
ئاخىرەت ھاياتى