ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقىغا ياكى قۇلىقىغا شەيتان سىيىپ قويغان ئادەم ئىكەن

ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقىغا ياكى قۇلىقىغا شەيتان سىيىپ قويغان ئادەم ئىكەن

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا بىر كىشىنىڭ كېچىسى تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقىغا ياكى قۇلىقىغا شەيتان سىيىپ قويغان ئادەم ئىكەن»دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا بىر كىشىنىڭ كېچىسى كېچىلىك ناماز ئوقۇش ئۈچۈنمۇ ئويغانماستىن تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلايدىغانلىقى زىكىر قىلىنغان ئىدى. ئىككىنچى رىۋايەتتە: بامداتقىمۇ ئويغانماستىن ھەتتا كۈن چىققۇچە ئۇخلايدىغانلىقى زىكىر قىلىنغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقىغا شەيتان سىيىپ قويغان ئادەم ئىكەن» دېدى. ھەدىسنىڭ زاھىرى مەناسى بويىچە، ھەقىقەتتە شۇنداق چۈنكى شەيتانمۇ يەيدۇ، ئېچىدۇ ۋە توي قىلىدۇ، ئۇنىڭ سىيىشىدىن چەكلىنىدىغان توسالغۇ يوق، بۇ ئاشۇنداق ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى خارلىق ۋە ئاھانەت بولۇپ، شەيتان ئۇنى ئۆزىنىڭ ھاجەتخانىسى قىلىۋالغان، گەرچە ئۇيقۇ كۆزگە نىسبەت بېرىلسىمۇ لېكىن بۇ يەردە قۇلاقنى خاس قىلىش ئېغىر ئۇيقۇنى بىلدۈرىدۇ، ئاڭلاش ئەزاسى دېگەن دىققەت قىلىدىغان ۋە تىز سەگەك بولىدىغان ئورۇن، بۇ ئەزانى سىيىشكە خاس قىلىشى، بۇ ئەزانىڭ كاۋاك بولغانلىقى،تومۇرلارغا تىز تارايدىغانلىقى بۇنىڭدىن پۈتۈن بەدەندە ھورۇنلۇق پەيدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ

التصنيفات

نامازنىڭ پەرىزى ۋە ئۇنى تەرك قىلىشنىڭ ھۆكمى