پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىدە، تۆۋەندىكى دۇئانى كۆپ تەكرارلايتتى: (سۇبھانەكەللاھۇممە رەببەنا ۋە بىھەمدىكە، ئاللاھۇممەغفىرلى) ئى بىزنىڭ…

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىدە، تۆۋەندىكى دۇئانى كۆپ تەكرارلايتتى: (سۇبھانەكەللاھۇممە رەببەنا ۋە بىھەمدىكە، ئاللاھۇممەغفىرلى) ئى بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، سەن ھەممىدىن پاك ۋە پۈتۈن ھەمدۇ - سانا ساڭا خاستۇر، ئى ئاللاھ مېنىڭ گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ((ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەن...)) دېگەن ئايەت (يەنى سۈرە نەسر) نازىل قىلىنغاندىن كېيىن، قايسى نامازنى ئوقۇسا، ئۇنىڭدا: (سۇبھانەكەللاھۇممە رەببەنا ۋە بىھەمدىكە، ئاللاھۇممەغفىرلى) ئى بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، سەن ھەممىدىن پاك ۋە پۈتۈن ھەمدۇ - سانا ساڭا خاستۇر، ئى ئاللاھ مېنىڭ گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن دېگەن دۇئانى تەكرارلايتتى. يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىدە: (سۇبھانەكەللاھۇممە رەببەنا ۋە بىھەمدىكە، ئاللاھۇممەغفىرلى) دېگەن دۇئانى كۆپ قىلاتتى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ ھەدىستە بايان قىلىپ: ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۈرە نەسرنى نازىل قىلغاندا، پەيغەمبىرىمىز بۇ سۈرىدە كەلگەن ئىشارەتلەرنى، يەنى: باشقا غەلبىلەرنى ۋە مەككىنى پەتھى قىلىشنى كۆرگەن چاغدا، ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇنۇشقا ئالدىرىدى. شۇڭا (سۇبھانەكەللاھۇممە رەببەنا ۋە بىھەمدىكە، ئاللاھۇممەغفىرلى) دېگەن دۇئانى بەك كۆپ تەكرارلايتتى. بۇ دۇئا؛ ئاللاھ تائالانى پۈتۈن كەمچىللىكتىن پاكلاش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا ھەمدۇ-سانا ئېيتىش بىرلەشتۈرۈلگەن ۋە ئەيىپ نۇقساندىن پاك ئاللاھتىن گۇناھىنىڭ مەغپىرىتىنى تىلەش بىلەن ئاخىرلاشتۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەيلى پەرز ياكى نەپلە بولسۇن ھەرقانداق بىر ناماز ئوقۇسا، ئۇنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىدە مەزكۇر دۇئانى قىلاتتى. بۇ سۈرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەجىلىنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولغان ئىدى

التصنيفات

نامازنىڭ زىكىرلىرى