إعدادات العرض
1- ئۇ ھەر نامازدىن سالام بەرگەندىن كىيىن: يالغۇز بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئۇنىڭ شېرىكى يوق، ھۆكۈمرانلىق ۋە ماختاش ئۇنىڭغا خاس، ئۇ ھەممىگە قادىر، تەدبىر ۋە قۇدرەت ئاللاھ تائالا بىلەن (ئىشقا ئاشىدۇ)، ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق، پەقەت ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىمىز، نېمەت، پەزلى-ئىھسان ۋە گۈزەل مەدھىيە ئۇنىڭغا خاس، ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق، گەرچە كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ بىز ئۇنىڭغا ئىخلاس بىلەن (ئىبادەت قىلىمىز)، دەيتتى
2- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا مۇنداق دەيتتى: «ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھمەت قىلغىن، مېنى ساق-سالامەت قىلغىن، مېنى ھىدايەت قىلغىن ۋە رىزىق ئاتا قىلغىن
3- ئى ئاللاھ! سەن سالامەتلىك ئاتا قىلغۇچى!، سالامەتلىك سېنىڭدىن بولىدۇ، سەن بەرىكەتلىك، سەن كاتتا ئۇلۇغ زاتسەن
4- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلاتتى: ئى ئاللاھ! قەبرە ئازابىدىن، دوزاخ ئازابىدىن، ھايات ۋە ماماتنىڭ پىتنىلىرىدىن ۋە مەسىھ دەججالنىڭ پىتنىلىرىدىن ساڭا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن
5- ئى رەسۇلۇللاھ! ئاتا-ئانام سىلىگە پىدا بولسۇن، نامازلىرىدا تەكبىر بىلەن قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئارىلىقىدا جىم تۇرغانلىرىدا نېمە دەيلا؟ دېسەم رەسۇلۇللاھ: ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارىلىقىمنى شەرق بىلەن غەرىبنىڭ ئارىلىقىنى يېراق قىلغاندەك يېراق قىلغىن، ئى ئاللاھ! مېنى ئاق كىيىم كىردىن تازىلانغىدەك تازىلىغىن، ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى سۇ بىلەن، قار بىلەن ۋە مۆلدۈر بىلەن يۇغىن، دەيمەن، دېدى
6- ئى ئاللاھ، رازىلىقىڭ بىلەن غەزىبىڭدىن، سېنىڭ ئەپۇ قىلىشىڭ بىلەن ئازابىڭدىن ساقلاپ قىلىشىڭنى سورايمەن ۋە سەندىن ئۆزۈڭ بىلەن پاناھلىنىمەن، سېنى قانچىلىك مەدھىيىلىسەممۇ سەن ئۆزۈڭنى مەدھىيىلىگەندەك مەدھىلىيەلمەيمەن
7- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىدە، تۆۋەندىكى دۇئانى كۆپ تەكرارلايتتى: (سۇبھانەكەللاھۇممە رەببەنا ۋە بىھەمدىكە، ئاللاھۇممەغفىرلى) ئى بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، سەن ھەممىدىن پاك ۋە پۈتۈن ھەمدۇ - سانا ساڭا خاستۇر، ئى ئاللاھ مېنىڭ گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن
8- ئى رەسۇلۇللاھ ئاللاھ تائالا بىزنىڭ سىلىگە قانداق سالام يوللىشىمىزنى ئۈگەتتى، ئەمما سىلىگە قانداق دۇرۇت يوللايمىز؟ دەپ سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ: ئى ئاللاھ! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت قىلغاندەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن ماختاشقا لايىق ۋە ئۇلۇغ مەرتىبىلىك زاتتۇرسەن، دەڭلار دېدى
9- ھەر پەرىز نامازدىن كىيىن ئوقۇغان، ياكى قىلغانلار نائۈمىد بولمايدىغان زىكىرلەر
10- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە: «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە
11- ?ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر پەرز نامازدىن
12- ئى ئاللاھ مېنىڭ ئىلگىرى-كېيىن، ئاشكارا-يوشۇرۇن، چېكىدىن ئاشۇرۇپ قىلغان، سەن مەندىنمۇ ياخشى بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن!، سەن ئىلگىرىلەتكۈچى ۋە كەينىدە قالدۇرغۇچىسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر
13- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە تۇرغان ۋاقتىدا تەكبىر ئېيتاتتى، ئاندىن: «ئى ئاللاھ! سېنى ماختاش بىلەن بىرگە پاك دەپ ئىتىقاد قىلىمەن، سېنىڭ ئىسمىڭ بەرىكەتلىك، ئۇلۇغلۇقۇڭ يۈكسەك، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق» دەيىتتى
14- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزى رۇكۇسى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تۇرىشى، سەجدە قىلىشى، ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدىكى ئولتۇرىشى ئاساسەن بىر -بىرىگە يېقىن ئىدى